ھەبىبۇللا مۇھەممەت ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بازىرىنى ئاچتى
2019.02.07

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەر سەنئىتى ۋە يەرلىك توقۇلما بۇيۇملار مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئالىملىرىنىڭ سۈرەت ۋە يازمىلىرى چۈشۈرۈلگەن تام ئاسقۇ گىلەملەر، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كەشتىلەنگەن خاتىرە بۇيۇملار، رەڭدار ئەنئەنىۋى ئەتلەستىن ئىشلەنگەن گالستۇك، شارپا، ھەميان، سومكا قاتارلىق سوۋغات بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. بۇ مەھسۇلاتلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ھەدىيە بۇيۇمىغا ئايلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇۋاتقان، ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن ۋەيران قىلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا، ئۇنى خەلقئارا سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەبىبۇللا مۇھەممەت ئەنە شۇنداق ياش ھەم جۈرئەتلىك كارخانىچىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ يېقىندا فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان بەرگەن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە سوۋغات مەھسۇلاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەبىبۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.
ھەبىبۇللا ئۆزىنىڭ قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغانلىقى، ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا سودا-سېتىق ۋە كىچىك تىپتىكى كىيىم تىكىش كارخانىلىرىنى ئېچىپ خېلى ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، ئەمما كېيىنچە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراپ ئىگىلىكى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، 2014-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يول ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيەگە كەلگەن ھەبىبۇللا پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بازار تەكشۈرۈپ، ئاخىرى 2016-يىلى قۇرۇق قول ئىگىلىك باشلىغان.
ھازىر ئۇ تۈركىيەدىكى رەخت ۋە گىلەم زاۋۇتلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كېلىشىم ھازىرلاپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەتلەس نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل رەختلەر ۋە گىلەملەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. ئۇلاردىن بىر قىسمى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە مىللىي روھ ئىپادىلەنگەن تۈرلۈك ھەدىيە بۇيۇملىرىنىمۇ ئىشلەپ بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇلاپ سېتىۋالىدىغان بۇيۇملىرىغا ئايلانغان.
ھەبىبۇللا يېقىندا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ كىيىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى لايىھەلەپ، ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. ھازىر 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ زاكازلىرى پۈتكەن ئىكەن.
ھەبىبۇللا كېيىنكى پىلانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئوخشاش ھەدىيە بۇيۇمىدىن بىر دانىدىن تەقدىم قىلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئاخىردا يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقمۇ ئەمەس. مەن مىللىي ۋە ئەنئەنىۋى بۇيۇملىرىمىزنى دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ھەمكارلىشىشىنى، ھەتتا رىقابەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىز ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتە كۈچلىنىمىز، تەرەققىي قىلىمىز.»