تۈركىيىدە باشلانغان ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.04.16

4-ئاينىڭ 13-، 15-كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان بابى ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فەسخانا مەدەنىيەت مەركىزىدە 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە 81 دۆلەت ۋە رايوندىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار جەم بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت مەيدانىدا چېدىر قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر دۆلەت ۋە رايونغا بىردىن ئورۇن بېرىلگەن. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. 3 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان چېدىرنى كىشىلەر ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بابى ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەھمەت پولات، تۈركىيە تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرى سۇئات قىلىچ، ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئەزىز بابۇشجى ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش ۋە مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى بىرلىكتە كەستى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان چېدىرغا، ئەتلەس ۋە كانۋا كۆڭلەكلەر، ئەر-ئايالچە ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماي بوياق رەسىملەر، ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى، بۆشۈك ۋە ئاش-تاماق ئېتىدىغان ئەسۋابلار ۋە كىتاب، ژۇرناللار قويۇلغان.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بابى ئالەم ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مەھمەت پولات ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-قىممەتلىك قېرىنداشلار، بۈگۈن بۇ يەردە 81 دۆلەت ۋە رايوندىن 4000 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ۋە مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قىلىۋاتىمىز، بۇ پائالىيەت ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، چاناققەلئە قاتارلىق 13 شەھەردە داۋام قىلىدۇ. بۇ پائالىيەت 28 ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، 34 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇردى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتقاندا تۈركىيە مەدەنىيىتىنى ئۆز خەلقىگە تونۇشتۇرىدۇ.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرى سۇئات قىلىچ ياشلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
-قىممەتلىك ياشلار، تىلىمىز قايسى مىللەتتىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قايسى قىتئەدىن بولساق بۇلايلى، قايسى بايراقنىڭ ئاستىدا ياشايلى، مۇسۇلمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى يۈرىكىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەممىمىز بىر ئۈممەت، بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلغاندا، ھەممىمىز بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان بولساق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جۈملىدىن بىرمادىكى دەرد-ئەلەملەرنى، سومالىدىكى قايغۇ-ئازابلارنى، ئىتىيوپيانىڭ، غەززىنىڭ، قۇددۇسنىڭ بەختسىزلىكىنى يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھېس قىلغان بولىمىز. بىز ئۆگەنگەن تەربىيە، بىز ئىشىنىدىغان دىنىي ئېتىقاد، بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز بىزگە ئالاھىدە بىر تەربىيە بېرىدۇ، بىز يالغۇز مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ تىنچلىقنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ۋە ئادالەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولىمىز. دىنىي ئېتىقادىمىز، مىللىي مەدەنىيەت-ئادەتلىرىمىز بىزگە شۇنى بۇيرۇق قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىدە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنى تىنچلىق ئىچىدە بىر يەرگە جەم قىلغانغا ئوخشاش، بىزمۇ ھەم ئۆز دۆلىتىمىزدە ھەم دۇنيانىڭ پۈتۈن جۇغراپىيىلىرىدە ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك مۇھىتىدا بىرگە ياشىيالايدىغان بىر مۇھىتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، 40 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىكەن. 6‏-‏ نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ۋە مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ 13 شەھىرىدە داۋام قىلىدىغان بولۇپ 6-ئايدا چاناققەلئەدە ئاخىرلىشىدىكەن.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.