ياپون پروفېسسور: «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مارشى
2016.02.02
كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتابنى ئوقۇماقتا. 2016-يىلى يانۋار.
«شەرق مۇزىكىسىدىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلىگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى 2014-يىلى ياپونىيە شۇكۇئوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ ياپونىيە جەمئىيىتىگە تارقىتىلىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
بىر قىسىم ياپونلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بىباھا سەنئەت خەزىنىسىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى تۈرلۈك تەتقىقات ماقاللىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بۈگۈن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق ياپون تىلىدىكى مەزكۇر تەرجىمە كىتابنى ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇپ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندىم بۇ ھەقتە بىز بىلەن سۆھبەتلەشتى.
پروفېسسور سېئىجى ئەپەندىم ئالدى بىلەن مۇقام تېكىستلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يېقىندا مەزكۇر كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىپ يورۇقلۇققا چىقارغان توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھاگىتا رېئىكو خانىم بىلەن توكيودا سۆھبەتلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇقاملىرى تېكىستلىرىدىكى بارلىق شېئىرلار مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئەرەب ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن. راستىنى ئېيتقاندا بۇ شېئىرلار دەسلەپتە كىشىگە ئادەتتىكى شېئىرلاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن ئاستا-ئاستا ئوقۇسىڭىز ئاندىن تولۇق مەنىسىگە يېتىسىز. مەن بۇ شېئىرلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ بۇنىڭدىن زور زوق ئالدىم.»
پروفېسسور سېئىجى ئەپەندىم سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكى› گە كىرگۈزۈلگەن ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› نىڭ ساھىبلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇقام تېكىستلىرىنىڭ باش ۋە ئاخىرى قىسىملىرىدىكى بەزى بىر نەزملەردىن بۇنى ھېس قىلدىم. قارىماققا مۇقام تېكىستلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت قىسمى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆتمۈشى تولۇق ئىپادىلەنگەن. شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنيا قاراشلىرى شۇ دەۋر ھاكىمىيىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر شائىرلىرى ئۆلۈشكە رازى بولغانكى ئۆز پىكرىدىن قىلچە يانمىغان، يەنى بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان پىكىر شائىرنىڭ سىياسىي دۇنيا قارشى بولسىمۇ، بۇنى مەن تامامەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشى ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشى، دەپ چۈشەندىم.»
سېئىجى ئەپەندىم سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» تېكىستلىرىنىڭ مۇزىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن قىسمىنى ئاڭلىغىنىمدا بۇنىڭدىن باشقىچە تۇيغۇ ۋە ھۇزۇر ئالدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مۇزىكا جەھەتتە خىتاي مىللىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ئاساسەن ئىشلىگەن فىلىمنى كۆرگىنىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك شەكلى، بوي تۇرقى، گۈزەللىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلىك ۋەتىنىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ مىللەتنىڭ داۋاسى ئادەتتىكى ھەق-ھوقۇق داۋاسى ئەمەس، بەلكى بېسىۋېلىنغان ئۆز دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشى دەپ چۈشەندىم. مۇقامچىلارنىڭ مۇقام توۋلاش ماھارىتىدىن قانداقتۇر ئۇلارنىڭ چۇقانلىرىدىن ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنى تولۇق ھېس ئەتتىم.»
پروفېسسور سېئىجى ئەپەندىم، ئاخىرىدا سۆزىنى مۇنداق دەپ تاماملىدى:«مەن ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› نى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مارشى، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان قەسەميادى دەپ چۈشەندىم.»
ئىلگىرى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا كۆپ ئىشتىراك قىلغان، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ساتو ئەپەندىم ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ياپونىيەدە ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› نى تولۇق ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسى بىلەن YouTube دىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاب تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، مۇقامنىڭ ئوركېستىرلىق ئورۇنلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»
بىز ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ چەتئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ئۈستىدە ھازىر ئۇيغۇر رايوننىڭ ئىلى پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان 93 ياشلىق خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇساجان روزى ئاكا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختالدى.
خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتاقلىق سەنئەتكارلاردىن پاشا ئىشان، مەرھۇم ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ 2000-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا كۆرسەتكەن مۇقام سەنئەت نومۇرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









