مۇقامشۇناس تۇردىئاخۇن ئاكا ۋە 12 مۇقامنىڭ لېنتىغا ئېلىنىشى ھەققىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.04.14
Muqam-warisi-turdaxun-305.jpg مۇقام ۋارىسى تۇرداخۇن. (بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان.)
RFA/Qutluq

8-ئاپرېل كۈنى خىتاي خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى سەيپىدىن ئەزىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «سەيپىدىن ئەزىز ۋە 12 مۇقام» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە 1950-يىلى سەيپىدىننىڭ تىرىشىشى ۋە كۆزىتىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا سەنئەت گۆھىرى بولغان 12 مۇقامنى بىردىن-بىر تولۇق ئېيتالايدىغان خەلق سەنئەتكارى قەشقەرلىك تۇردىئاخۇننىڭ بايقالغانلىقى بايان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە، سەيپىدىننىڭ 12 مۇقامنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن شۇ چاغدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان جۇ ئېنلەيگە دوكلات يازغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا جۇ ئېنلەينىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سەيپىدىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ساقلىنىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھازىر ئىلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوفىتسېرى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىللاردا 12 مۇقامنى تولۇق ئېيتالايدىغان مۇقامشۇناس تۇردىئاخۇننى ئەڭ دەسلەپتە بايقىغان كىشىنىڭ شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ۋالىي بولغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىر قاسىمجان قەمبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.