بىشكەكتە ئۇيغۇر قەھرىمانلارنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1941-يىلدىن1945-يىلغىچە داۋام قىلغان فاشىزمغا قارشى ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 71 يىللىقى ھارپىسىدا، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامىنى ئالغان پېشقەدەم ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى ئەسلەش يۈزىسىدىن 7-ماي كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ ۋاستوك 5-مەھەللىسىدىكى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆسمۈرلەر چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.

ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە، ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىنلا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇش سېپىگە ئاتلانغان بولۇپ، قانلىق جەڭ مەيدانلىرىدا كۆپلىگەن قەھرىمانلار بارلىققا كەلگەن. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن مەسۇم ياقۇپۇف، سۈلھى لۇتپۇللايىف، داداش باباجانوف قاتارلىقلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى بىلەن «سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى» نامىغا ئېرىشكەن.

گەرچە بۇ قەھرىمانلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە خەلقىمىزدىن چىققان قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن كامالىدىن قاسىم مۇنداق دېدى: «ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە مىللىتىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىنى ئۈلگە قىلىش، شۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى ئۆز مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش بەكمۇ مۇھىم.»

پائالىيەت داۋامىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ھاشىم تاشپۇلات ئەپەندى بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى : «ئۇيغۇر خەلقىدىن يېتىشىپ چىققان قەھرىمانلارنى بالىلىرىمىزغا، نەۋرىلىرىمىزگە تونۇشتۇرۇشتا بۈگۈنكىدەك پائالىيەتلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ قۇربان بولغان باتۇرلىرىمىز ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن بىز دائىم كۈرەش قىلىمىز.»

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە 9-مايدىكى غالىبىيەت بايرىمى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە خاتىرىلىنىدىغان بايراملارنىڭ بىرى بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتتە رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، بىلورۇسىيە قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتلا بۇ كۈننى بايرام تەرىقىسىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن قالغان دۆلەتلەردە بولسا 9-ماي غالىبىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

9-ماي غالىبىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇرسان ھاسانۇف ۋە سىۋىردىلۇف رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، «مەدىنە» شىركىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنتاي سەلىمۇف ھەمدە ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.