ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى، 70 ياشلىق تەلئەت مىررەھىمۇفنىڭ ماي بوياق سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا ماي بوياق سۈرەتچىلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئەربابى، ئاتاقلىق رەسسام تەلئەت مىررەھىمۇفنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 7-ئۆكتەبىر كۈنى غاپپار ئايتېيىف نامىدىكى قىرغىزىستان دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت مۇزېيىدا تەلئەت مىررەھىمۇفنىڭ ماي بوياق سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

رەسسام تەلئەت مىررەھىمۇف 1971-يىلدىن باشلاپ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە ئۆزىنىڭ سۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى گېرمانىيە، ليۇكسېمبورگ، فىرانسىيە، ئىران، بېلگىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە، رۇسىيە ھەمدە قېرىنداش قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋە ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، گېرمانىيە قاتارلىق ئونغا يېقىن دۆلەتنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەمدە قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سېكرېتارى سۇلتان، قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ھاشىرى، قازاقىستان ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى دىلمۇرات قوزىيىف قاتارلىقلار باشلىغان ۋەكىللەر شۇنداقلا قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزالىرى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 300گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەلئەت مىررەھىمۇفنى تەبرىكلەپ سۆز قىلغان ئەخمەتجان ھاشىرى، رابىك ئىسمايىلۇف قاتارلىقلار رەسسامنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش جەھەتتىكى رولىغا يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەسسام تەلئەت مىررەھىمۇف ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ھەققىدە كەڭرى توختالدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن بىشكەكتىكى «ئارزۇ» رېستورانىدا تەلئەت مىررەھىمۇفنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.