ئاتاقلىق رەسسام پەيزىراخمان ئىبراھىموف تۇنجى كەسپىي سەھنە رەسسامى ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-10-31
Share

مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىقى ئۆز تارىخىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىغا دەسلەپتە ئاۋاكرى شەمسى، زەينىدىن يۈسۈپوف، رەشىت يولداشېف ئوخشاش ئاتاقلىق رەسساملار چوڭ تۆھپە قوشقان ئىدى. كېيىنكى يىللاردا بولسا، ئۇلارنىڭ قاتارىنى مارىس ھېتاخۇنوف، ئابدۇكېرىم ئىسا، ھاكىمجان گۇلىيېف، كۈرەش زۇلپىقاروف قاتارلىق كۆپلىگەن تالانتلىق رەسساملار تولدۇردى. رەسساملارنىڭ بىر توپى «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى» دېگەن يۇقىرى ئاتاققا مۇيەسسەر بولدى. شۇلارنىڭ بىرى پەيزىراخمان ئىبراھىموفتۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىلى رەسسام پەيزىراخمان ئىبراھىموف ھايات بولغان بولسا، 80-باھارىنى قارشى ئالاتتى.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى، «قۇرمېت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى مۇھىت ھېزىموفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن بۈيۈك نامايەندىلەر چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ئۆزىگە خاس مۇناسىپ ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ناھايىتى بۈيۈك ئىنسانلار بولىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلارغا ئۇچراشقان كىشى ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك دەپ ھېسابلىسا كېرەك. مانا بۇ ئىسسىق سۆزلەر ئۇلۇغ رەسسام پەيزىراخمان ئاكىغا تەئەللۇق. ئوقۇشلارنى پۈتتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئىجادىي ھەمكارلىق ئىشلىرى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى. بىز بىر نەچچە سەھنە ئەسەرلىرىدە بىللە ئىشلىدۇق. پەيزىراخمان ئاكا ھەققىدە قانچە ئىللىق سۆزلەر ئېيتساقمۇ كەملىك قىلىدىغان ئىنسان. ھەر بىر يېڭى ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرگەندە ئۇنىڭ يوقلۇقىنى بەكلا سېزىۋاتىمىز.»

م. ھېزىموفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، پ. ئىبراھىموف ياركەنت تەۋەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالماتا شەھىرىدىكى رەسساملىق مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئاندىن تاشكەنتتىكى ئوستروۋسكىي نامىدىكى دۆلەت تىياتىر ۋە رەسساملىق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈردى. رەسسام كېيىنكى ھاياتىنى ھازىرقى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، ئومۇمەن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە سەرپ قىلدى. ئۇ سەھنىنىڭ قانۇنىنى، ئۇنىڭ سىرلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ھەم يېقىندىن سېزىدىغان بىردىن-بىر رەسسام بولغان ئىدى. پ. ئىبراھىموف پەقەت ئۇيغۇر تىياتىرىلا ئەمەس، بەلكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى قازاق دراما تىياتىرى، ئاباي نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك تىياتىر ۋە لېرمونتوف نامىدىكى رۇس تىياتىرىدا بىر نەچچە ئەسەرلەرنى، ئۇيغۇر ئېلىدا قويۇلغان مۇقامغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنى بېزەشتە ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن. بۇ جەھەتتە ئۇ داڭلىق قازاق، رۇس، ئۇيغۇر رېژىسسورلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن.

م. ھېزىموف رەسسامغا خاس ئۆزگىچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، تارىخىي چوڭ ۋەقەلەرنى، كۆچ-كۆچ پەيتىدە تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭدا مىللىي غۇرۇر ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. كىمدە مىللىي غۇرۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك بار ئىكەن، ئۇ ھېچقاچان ئۆچمەيدۇ. ئۇ مىللىي غۇرۇر ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ يېتەلمىگەن، بېسىپ ئۆتكەن، كېلەچەك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتكەن ئەسەرلەرنى دۇنياغا ئېلىپ كەلدى.»
م. ھېزىموف رەسسامنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرى قويغان كلاسسىك ئەسەرلەر «ئانارخان»، «مۇقاملار سىرى»، «ئودىسسېينىڭ غەزىپى»، شۇنداقلا س. باشويان، ئى. جەلىلوف، ش. شاۋايېف ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «نازۇگۇم»، «لۇتپۇللا»، «غېرىپ-سەنەم»، «قەشقەر قىزى»، «لەيلى-مەجنۇن»، «بىلال نازىم»، «مۇقامچىلار» ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان رەسسام، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ قارىشىچە، پ. ئىبراھىموف ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە دائىم ئىزدىنىشتە بولغان رەسسام ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىياتىرىدا ھەر خىل رەسساملار بولغان. بىراق ئۇلار ھەممىسى ھەۋەسكار رەسساملار. بىرىنچى ئۇيغۇر كەسپىي سەھنە رەسسامى ئۇ ‏- پەيزىراخمان ئاكا. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ سەھنە ئەسىرىنىڭ بېزىلىشى باشقا تۈسكە ئىگە بولدى.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پ. ئىبراھىموفنى باشقا تىياتىرلارغا ئىشقا تەكلىپ قىلغاندىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە ئۇيغۇر تىياتىرىغا سادىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاخىرىغا چىقمىغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھازىر تىياتىر مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، سەھنە ئەسەرلىرىنى بېزەشتىن تاشقىرى، كۆپلىگەن پورترېتلارنى، تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە باشقىمۇ ئەسەرلەرنى يارىتىپ، قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، پ. ئىبراھىموف 1970-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا ئېلىنغان بولۇپ، 1982-يىلى قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى دېگەن ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. 1986-يىلى بولسا، ئۇ «ھۆرمەت بەلگىسى» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان. رەسسام 2009-يىلى 73 يېشىدا كۆز يۇمدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت