لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى زور قىزىقىش قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق ناخشىچى-مۇزىكانت سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن مىجىت يۇنۇس، ئابدۇكېرىم ئوسمان قاتارلىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ 2 مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشىلىك مۇزىكا ئەترىتى، 12-ماي «سەنۇبەر تۇرسۇن غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى» نىڭ تۇنجى بېكىتى-لوندوندا ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، زور قىزىقىش قوزغىغان.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىككە ئەنگلىيە ۋە بەزى غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان، ئۇيغۇر تىلى ۋە ناخشا -مۇزىكىسى ئۆگىنىۋاتقان ئىنگلىزلار، لوندوندا ئولتۇرۇشلۇق چەتئەللىكلەر قاتناشقان.

كەچ سائەت 7:00دە باشلانغان كونسېرت 2 سائەت پىلانلانغان بولسىمۇ، بىراق تاماشىبىنلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يېرىم سائەت ئۇزارتىلغان. سەنۇبەر تۇرسۇن «راك»، «چەپبايات » قاتارلىق مۇقاملاردىن پارچىلار ۋە كلاسسىك خەلق ناخشا-مۇزىكىسىنى ئورۇنلاپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇقېيۇم ئابلەت ئەپەندى كونسېرتنى كۆرگەن لوندوندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ بىرى. ئۇ، بۇ كونسېرت ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە مۇزىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى رولىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇقېيۇم ئابلەت : باشقىلار ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاخىرى مەدەنىيەت ئارقىلىق چۈشىنىدۇ

ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتنى بەلگىلەيدىغان نەرسە، مىللەتنىڭ تىلى، مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتى. بۇ نەرسە بىر مىللەتنى تونۇشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل. بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئۇيغۇرلارنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. باشقىلار ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاخىرى مەدەنىيەت ئارقىلىق چۈشىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ پائالىيەتنىڭ بولغىنى بەك ياخشى بولدى. ئىنگلىزلار بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ناھايىتى ئاز نەرسە بىلەتتى ياكى ئۇيغۇرلارنى پەقەت چۈشەنمەيتتى. بىراق ھازىر بىزنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى توغرىلىق كۆرگەزمىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان بولدى. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىمۇ خەلقئارادا چوقۇم چۈشىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ساقلاپ قالىدىغان مەدەنىيەت ھەم ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇ نەرسىلەرنى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. مۇشۇ جەرياندا بىر ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ساقلاپ قالالايمىز ھەم جارى قىلدۇرالايمىز. مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بەك مۇھىم، دەپ قارايمەن.

سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى كونسېرت بەرگەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا، شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە يەنە «ئويغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» ناملىق رەسىملەر كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى. 4-ئاپرېل باشلانغان كۆرگەزمىگە غەربلىك فوتوگراف لىسا رۇس خانىم شەرقىي تۈركىستاندا تارتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مازار، تاۋاپگاھ ۋە مۇقەددەس جايلىرىغا ئائىت رەسىملەر قويۇلغان. كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 1000 يىللىق ئېتىقادى ۋە ئۇنىڭدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن.

ئابدۇقېيۇم، بۇ ئىككى پائالىيەتنى بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىشى ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن ئۇنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىدىكى يوشۇرۇن ئالاقە گەۋدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ جەزىبىدارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ سەنئەت كېچىلىكىگە قىزىقىشىشى ئۇلار ئويلىغاندىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: كونسېرتقىمۇ بىز تۇرماق گېرمانىيەدىن دەمسىز، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىدىن دەمسىز، خېلى-خېلى يەرلەردىن كەلگەن ئادەملەر بار. ئارىلىقنى يىراق دېمەي نۇرغۇن ئادەملەر كەلدى. زالمۇ ئادەمگە لىق توشۇپ، ئورۇن قالمىدى. كېيىن كېچىكىپ كەلگەنلەرگە ئورۇن يوق، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بەك ياخشى بولدى. قىزىقىش بەك چوڭ. ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. تاماشىبىنلارمۇ ھەقىقەتەن بەك قىزىقىپ كۆردى. گەپنىڭ جىڭىنى دېسەم، بۇنچىلىك جىق ئادەم كېلىدۇ، دەپ ئويلىمىغان. ئادەم شۇنداق جىق، باس-باس بولۇپ، بېلەتنىمۇ شۇنچىلىك تەستە ئالدۇق. مەن بۇنداق قىرغىنچىلىقنى ئويلاپ باقمىغان. بۇ يەردىمۇ جىق كۆرگەزمىلەر بولدى، مەنمۇ بارغان. بىراق ئۇنچىلىك باس-باس بولۇپ باقمىغان. بۇنىڭغا قارىغاندا خەلقئارادا بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش خېلى كۈچلۈك، دەپ ئويلايمەن. ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بۇنىڭغا تۈرتكە بولدىمۇ، ئۇنىسىنى بىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن خېلى ئوبدان قىزىقىش بار.

بىراق، «سەنۇبەر تۇرسۇن غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى» نىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق پائالىيەت كونسېرت قويۇش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى غەربىي ياۋروپادىكى سەنئەت ئىنستىتۇتلىرى بىلەن تونۇشۇش، كەسپىي، ئىلمىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، سەنئەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ھەققىدە تەلىم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، مۇزىكا ئەترىتى 13-ماي لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتىغا قاراشلىق مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا 2 كۈنلۈك مەشىق دەرسى باشلىغان.

سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ لوندوندىكى پائالىيىتى 15‏-ماي پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ 2‏- بېكىتى پارىژ. ئۇلار پارىژدىكى مەزگىلىدە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە دەرس بېرىدۇ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. مۇزىكا گۇرۇپپىسى 17‏- ماي، پارىژ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى پارىژدىكى ئاتاقلىق دېس ئابېسېس تىياتىرخانىسىدا كونسېرت بېرىدۇ.