ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر جىلۋىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.03.07
amerika-uyghur-restorant-xewer.jpg «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدىكى ماقالە.
Photo: RFA

ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئاچقان رېستورانلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق تونۇشقا باشلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە مەخسۇس مەلۇماتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

تۈرلۈك ئىرققا مەنسۇپ كۆچمەنلەرنىڭ ئەسىرلەر بويى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا چىققان بۈگۈنكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى يەنە مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەڭگا-رەڭ مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنىڭ جەم بولغان گۈلزارى، دېيىش تامامەن مۇمكىن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يېمەكلىرى ئەنە شۇ گۈلزارلىقتا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر غۇنچە سۈپىتىدە ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا تونۇلۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىنى ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ، دېيىش ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ھازىرغىچە ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن «ئاماننىسا خان»، «دولان» ۋە «كروران» ناملىق ئۈچ مۇنتىزىم ئۇيغۇر رېستورانى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ رېستورانلار ۋەتەندىن ئۇزاق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۇزاق يات ماكاندا خىزمەت ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەردىن يىللار بويى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چاڭقىغان ۋەتەن ئىشقىغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك خىزمەتكە ئاكتىپ تۆھپە قوشماقتا. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى يېمەك-ئىچمەك ۋاسىتىسى ئارقىلىق چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇشتا ئەكس ئەتكەن ئۆزگىچىلىكتۇر.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋە كۆپ تىراژلىق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «شىمالىي ۋىرجىنىيە ژۇرنىلى»، «ھەقىقىي ئىستېمالچىلار» قاتارلىقلاردا ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ كەينى ‏-كەينىدىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ۋە بۇ رېستورانلاردا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى بېسىلدى. بۇ ماقالىلەردە ئەكس ئەتكەن كۆپ قىرلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قەدىمكى «يىپەك يولى» دا خوجايىن بولغانلىقى، ھازىرقى كۈندە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىستېمال مەدەنىيىتىگە ئېگە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىملاپ قانلىق توقۇنۇش ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان قوۋم ئىكەنلىكى قاتارلىقلاردا ئىپادىلەندى.

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئامېرىكىدا ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، دەپ قارايمەن. يەنە كېلىپ بۇ مۇھىملىق بىرنەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تائام تەييارلاشنى ئۆگىنىش، يەنە كېلىپ باشقىلار ئۈچۈن تاماق ئېتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتىنى داۋام ئەتتۈرۈشتە سىجىل بىر ئەنئەنە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۇستاملار شاگىرتلارنى تەربىيەلەيدۇ، بۇلار بولسا كېيىنچە ئۇستازلىرىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ خىلدىكى تائام مەدەنىيىتى باشقا شەكىللەردىمۇ ئۆز مۇھىملىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۇيغۇرلار ھەرقاچان ئاشپەزلىك ماھارىتى بىلەن تونۇلغان.»

بۇ ھەقتە ماۋرا جادكىس ئۆزىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئانچە بەك تونۇشلۇق بولمىغان بىر قوۋم بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياكى ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەندۈرۈشلەردە «خىتاي تائاملىرى» دېگەن كاتېگورىيەگە مەنسۇپ قىلىپ قويۇلىدۇ. بۇ ھال دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزۇۋېتىدۇ.» ماۋرا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ نۇقتا ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ «ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇر، خىتاي دېگەن خىتاي. مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەلۋەتتە» دەيدۇ.

بىز بۇ توغرىلىق ئېلشات ھەسەن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى ياۋروپادا بولسۇن، ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈشتىكى بىر مۇھىم كۆۋرۈك بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بىز ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ ئارقىمۇ ‏-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمىلەر خىيالىغا كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، پروفېسسور شان روبېرتس بۇنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە بۇ بەك مۇھىم، يەنە كېلىپ مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىم لازىمكى، بۇ ساھە مەن بەكمۇ قىزىقىدىغان بىر تېما. شەخسەن مەن ئۇيغۇر تائاملىرىغا بەكمۇ ئامراق بولغىنىم ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقىنىمغا بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىشىگە نېمىشقىدۇر بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، ئۆتكەن ئون ‏-يىگىرمە يىلدا ئامېرىكىغا يىغىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەنلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبىگە ئېگە ئەمەسلىكى بولغان بولسا كېرەك. مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىدا ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىرئاز ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ خىلدىكى رېستورانلارنىڭ ئېچىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا تېخىمۇ ياخشىراق تونۇلۇشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر رېستورانلىرىغا كېلىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ خېلىلا كۆپ قىسمى غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزلىرىگە توقلۇق ۋە لەززەتنى تەڭلا ئاتا قىلالىغان بۇ ئۆزگىچە تائاملارنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرىدىكەن ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچىگە ئېگە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.