ئىستانبۇلدىكى پائالىيەتتە 10 مىڭ كىشىگە پولۇ زىياپىتى بېرىلدى
2016.05.18

ئۇيغۇر تائاملىرىغا تۈركلەر قىزىقىشقا باشلىدى. مىللىي تائاملاردىن سەۋزىلىك پولۇ لەززەتلىك تەمى بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا تۈركىستان پولۇسى دېگەن نام بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 15- ماي يەكشەنبە كۈنى زەيتىنبۇرنۇ خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك مىللىي تاماق تەملىرى ۋە رادىيو فېستىۋالىدا 10 مىڭ كىشىگە پولۇ زىياپىتى بېرىلدى.
بۇ فېستىۋالغا نەچچە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئۆز قولى بىلەن پولۇ ئۇسۇپ تارقاتتى.
فېستىۋال بىر قانچە كۈن داۋام قىلغان بولۇپ ھەر خىل يەرلىك مىللىي تاماقلار ھەقسىز تارقىتىلدى. كۆپلىگەن رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىچىلىرى نەق مەيداندىن پروگرامما تارقاتتى. بۇ توغرىدا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا، 20 مىڭ كىشىگە تۈركىستان پولۇسى تارقىتىلدى دېگەندەك تېمىلاردا كۆپلەپ خەۋەرلەر تارقىتىلدى.
فېستىۋالنىڭ ئاخىرقى كۈنى نەچچە يۈز كىلوگراملىق خۇرۇچ بىلەن 10 مىڭ كىشىلىك پولۇ پىشۇرۇلۇپ تارقىتىلدى. پولۇنىڭ تەمىنى تېتىشقا قىزىققان ۋەتەنداشلار نەچچە ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتا قاتارغا تىزىلىپ ئىسسىق ھاۋادا ساقلىدى. فېستىۋالدا چوڭ قازاننىڭ بېشىغا كەلگەن مۇرات ئايدىن ئۆزىگە ھەدىيە قىلىنغان چىمەن دوپپا ۋە ئۇزۇن چاپاننى كىيگەن ھالدا پولۇ ئۇسۇپ ۋەتەنداشلارغا ئۆز قولى بىلەن تارقاتتى.
شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەت توغرىسىدا توختالدى ۋە زەيتىنبۇرنۇنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىنىڭ ناھايىتى كۆركەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىدىن، شەرقىي تۈركىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستاندىن كېلىپ زەيتىنبۇرنۇغا ئورۇنلاشقان ۋە بۇ يەرلەرنى يۇرت تۇتۇپ ياشىغان ھەمشەھەرلىرىمىز بار. ئۇ ۋەتەنداشلىرىمىز ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تاماق مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلدى. تۈركىستان تائاملىرى دېگەن ھامان تۇنجى بولۇپ ئەقىلگە كېلىدىغان تۈركىستان پولۇسىدۇر. بىز بۇ لەززەتلىك پولۇنىڭ تەمىنى زەيتىنبۇرنۇ خەلقىگىمۇ تېتىتىشنى خالىدۇق. تۈركىستان پولۇسى، سەۋزە، گۆش ۋە ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن گۈرۈچ بىلەن پىشۇرۇلىدىغان لەززەتلىك بىر تاماق.»
مۇرات ئايدىن ئۆزى كىيىۋالغان تون چاپان بىلەن چىمەن دوپپا توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دوپپا ۋە تون چاپان تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم سىمۋول - بەلگىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پولۇ ئېلىش ئۈچۈن قاتاردا ساقلاۋاتقان ئايسەل ئاراس ئىسىملىك خانىم تۈركىستان پولۇسىنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەنمۇ ئۆيدە پىشۇرۇپ سىناپ باقتىم، ئەمما تەمى بۇ يەردىكىگە ئوخشاش تەملىك بولمىدى. پولۇ ئېلىش ئۈچۈن يېرىم سائەت قاتاردا نۆۋەت كۈتۈپ ساقلىدىم ئاخىرى ماڭىمۇ تەگدى» دېدى.
باشقا بىر كىشى تاماق ئېلىش ئۈچۈن نۆۋەت كۈتۈشنىڭ باشقا بىر قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پولۇنىڭ تەمىنى ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم تېتىغان ئىدىم، بەك تەملىك ئىدى. فېستىۋالغا يالغۇز كەلدىم، نەۋرىلىرىم بىردەمدىن كېيىن كېلىدۇ. بۇ پولۇنى بىزمۇ ئۆيدە قىلىپ باقتۇق، ئەمما تەمىنى بىر تۈرلۈك ئوخشىتالمىدۇق.»
باشقا بىر كىشى:«مەن مۇشۇنداق يەرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرىمەن. تۈركىستان پولۇسىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن كەلدىم، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جەم بولۇپ بىرلىكتە ئۆتۈشىنى، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىرلىكتە قېرىنداشلارچە ياشىشىنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى.
ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ 15 مىڭ كىشىلىك پولۇ تارقىتىلغان ئىدى.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن 10 مىڭ كىشىلىك پولۇنى پىشۇرۇپ تەييارلىغان ئىلھامجان ئۇستام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىلھام ئۇستام ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ 22 يىل ئىلگىرى قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا چىققانلىقىنى، 10 يىل ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن رېستوران ئاچقانلىقىنى، ھازىر ئىستانبۇلنىڭ لالىلى ۋە زەيتىنبۇرنۇ دېگەن رايونلىرىدا ئىككى دانە رېستوران بارلىقى بۇ رېستورانلار ئارقىلىق تۈركىستان تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە تۈركىستان پولۇسى تەييارلاپ بېرىش زاكاسلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن تۈركىستان تاماقلىرىغا تۈركلەرنىڭ قىزىقىۋاتقانلىقىنى ۋە ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.