تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. يېقىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان 4-كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئىستانبۇلدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ ئاي نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى» ناملىق ئەسەر 365 بەت، ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جايلىشىش ئەھۋالى، يەر، تاغ-دەريا ناملىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر بۆلۈمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتۈن ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، قىشلاق، تاغ-دەريا ئاتلىرىنىڭ مەنىسى، كېلىپ چىقىشى، ئۇ جايلاردا ياشىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. بىز كىتاب توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى يازغان كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، ئالدى بىلەن بۇ كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە يېزىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەتقىقات ساھەم شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم يەرلىرىدىن بىرىدۇر. تۈرك شەھەر مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن بىر جاي. شۇڭا بۇ رايوننى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مېتودلار ئارقىلىق تەتقىق قىلىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جۇغراپىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز لازىم. سىزگىمۇ مەلۇم، تارىخىي جۇغراپىيە مەلۇم بىر جاينىڭ ئۆتمۈشىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى دېگەن گەپ. تارىخىي مەنبەلەردە يېزىلغانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش كېرەك. بۇ مەقسەت بىلەن خىتايچە تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.»
كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتىمىزدا كەمچىل بولغان نەرسە جۇغراپىيە تەتقىقاتى. بولۇپمۇ، مېنىڭ تەتقىقات ساھەم بولغان ئومۇمىي تۈرك تارىخىدا جۇغراپىيەنى ياخشى بىلمەيمىز. بۇ بىزنىڭ بەزى تارىخى ئۇقۇملارنى چۈشىنىشىمىزگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى بىرىنچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئىككىنچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا قايسى مىللەتلەر بار بۇنى بىلىۋالالايدۇ. ئۈچىنچى بولۇپ بۇ كىتابنى ئوقۇغان بىر تۈرك تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتنى بىلىۋالالايدۇ. يەر ئاتلىرى، تاغ-دەريا ۋە ئېرىقلارنىڭ ئاتلىرىنى بىلىۋالالايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي جۇغراپىيەنىڭ ئۇ جايدا ياشىغان مىللەت، مەدەنىيەت، يەر ئاتلىرى، فولكلور قاتارلىق ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئىنساننىڭ ھاياتى جۇغراپىيە ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن تارىخىي جۇغراپىيەنى ياخشى بىلىش كېرەك. تارىخچىلارنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىدىغانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يازدىم.»
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يازغان ماگىستىر ۋە دوكتورا ئىلمىي ماقالەم، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان كۆپ ساندا ماقالەم ۋە ئىككى كىتابىم بار. 2013-يىلىدا ‹خىتايچە مەنبەلەردە شەرقىي تۈركىستان› تېمىسىدا كىتابىم نەشر قىلىندى. 2015-يىلى ‹شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاتلىرى› ناملىق ئەسىرىم نەشر قىلىندى. مەن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ساياھەتنامە يازدىم. بۇ ئەسەردە سىياسىي ۋەزىيەتنى ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى جايلارنى ئاڭلاتتىم. ئەڭ ئاخىرقى كىتابىم ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەمدى چىقتى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تەتقىقاتىم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ.»
بىز ئىستانبۇلدا يېڭى نەشردىن چىققان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى» ناملىق ئەسەر توغرىسىدىكى باھاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئەسەر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندى 1982-يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن. 2004-يىلى ئىزمىر توققۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2006-يىلىغىچە ئەزەربەيجان باكۈ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇس تىلى ئۆگەنگەن. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تىلى ئۆگەنگەن. 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە خىتاي، ئۇيغۇر دىيارى ۋە سىبىرىيە رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ماتېرىيال توپلىغان. ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.