رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا ستالىن دەۋرىنى ئەسلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.07.22
pichan-lukchun-qaralliq-saqchi.jpg پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى. 2013-يىلى 27-ئىيۇن.
AFP

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، مىللىي ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە تۇشمۇتۇشتىن ئانالىزلار ئېلان قىلدى.

رۇس ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە رۇسىيەنىڭ داڭلىق گېزىتلىرىدىن «مۇستەقىللىق»، «خەۋەرلەر» ۋە باشقا مەتبۇئاتلارمۇ ئۆز ئانالىزلىرىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەزكۇر ئانالىز ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى ۋە ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدەنگەندە مەزكۇر داۋالغۇشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، بەش يىل ئازادلىقتىن بەھرىمەن بولغانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.

مەسىلەن، رۇسىيەدە تارقىتىلىدىغان «نوۋايا گازېتا»، يەنى «يېڭى گېزىت» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يېڭى زېمىنىدا قانلىق ئىسيانلار توختىمايۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ لۈكچۈن، خوتەن ۋە باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقى كۆرسىتىلىپ، ستالىننىڭ باشتا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگەن بولسا، 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل بۇ جاينى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىتەرەپ رايون قىلىشنى ئويلاشقانلىقىغا، ھەتتا مۇستەقىلچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارىماي، ئاخىرى خىتاي كومپارتىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا كىرىشىگە يول قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇر ئېلىنى «ستالىننىڭ سوۋغىسى» دەپ ئاتىغان.

«سەنتراسىئا.رۇ» تورىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىلەردە ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1943-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە ئورۇن بېرىلگەن. بولۇپمۇ، ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشىنىڭ تامامەن ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى، بولۇپمۇ ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانى ئۈچۈن بولغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىلەردە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

رۇسىيە شەرقشۇناسى ۋلادىمىر كاسىلنىكوۋنىڭ «چېگرا زېمىننىڭ بېسىلماس جەلپ قىلارلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە «شىنجاڭ خىتاي تىلىدىن تەرجىمە قىلغاندا، يېڭى چېگرا، ياكى يېڭى زېمىن مەنىسىنى بېرىدۇ. باي يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بۇ رايون سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، بۇ جاينى ئېتنوگرافلار، ساياھەتچىلەر، رازۋېدكىچىلار تەتقىق قىلغان ئىدى. بۇ خىتاينىڭ ئارقىدا قالغان ئۆلكىسى دائىم تۈركىي تىللىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەيدانى بولۇپ كەلدى. تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسى، قوزغىلاڭلار، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ زېمىننى قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە ئېلىپ كەلدى، بۇ ھەرىكەتلەر 20-ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشتى.»

رۇس مۇتەخەسسىس كاسىلنىكوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «1944-يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى، بۇ بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ھەممە خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ھۆكۈمەت ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بۇ جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر ئارمىيىسىدە ئىشلەيدىغان ھەربىيلەر ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭلارنى تەشكىللەشتىلا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ قالماستىن بەلكى، قوزغىلاڭچىلارغا ماددىي ۋە ھەربىي-تېخنىكا ياردىمى بەردى. كرېمىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى» دەپ يازىدۇ.

ۋلادىمىر كاسىلنىكوۋ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتكە مۇنچىۋالا ياردەم بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەبنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، چۈنكى، بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇرانلار بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

«ئاتوم قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبىرى بېرىيا ئالدى بىلەن بەكرەك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتوم بومبىسى سانائىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەر ئاستى بايلىق بازىلىرىغا قىزىقتى» دەپ يازىدۇ ئاپتور.

ئۇنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ زېمىنىدا تاپقان ۋولفرام ۋە ئۇران كانلىرىنى بىمالال قېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەتكەن ھەمدە ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئۇ ماقالىسىنى، «ھەتتا مەزكۇر خام ئەشيالار توشۇلىدىغان يوللارنى سوۋېت ھەربىي خادىملىرى قوغدىغان. بۇ ئەھۋال 1949-يىلغىچە داۋاملاشقان. بىراق ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ستالىن يېڭى ئىتتىپاقچىسىنى خاپا قىلىشنى خالىماي، كرېمىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللاشنى كۈن تەرتىپتىن قالدۇرغان، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلدى.» دەپ خۇلاسىلايدۇ.

رۇس ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە بۇ رايوننىڭ ئەسلىدە چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ كەلگەن رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.