شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى قانداق شەرھىلەشتىكى سىياسىي قېلىپىنى بېكىتىپ بەرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە «مەسئۇل مۇھەررىر» لەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىسمى يېزىلغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بۇ ھەقتىكى بەزى سىرلارنى ئاشكارا قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نىڭ يېزىلىپ چىقىشى ۋە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىغا 30 نەچچە يىللىق «سىرلىق جەريان» كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى 1956 - يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىش كېرەك» دېگەن مەخسۇس بۇيرۇقى بىلەن باشلانغان ئىكەن.
قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى چاغدىكى «ئۇيغۇر تارىخى» نى يېزىپ چىقىش پىلانىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى كېرەكلىكى بېكىتىلگەن. ھالبۇكى، ئاتالمىش «"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى "نى يېزىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتالغان بۇ گۇرۇپپىدىكى سىرلىق كىشىلەر تۇرغۇن ئالماس، ئىمىن تۇرسۇن، قاسىم ئارىش ۋە ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسلار يازغان بۆلەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىغان.
1989 - يىلى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تيەنئەنمېندىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى دەرھال نەشر قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. ئۇلار ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى يەڭ ئىچىدە تەييار قىلغان نۇسخىنى يوشۇرۇنچە باستۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن پىكىر ئېلىشقا سۇنغان. ھالبۇكى، بۇ نۇسخا بېيجىڭدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ نارازىلىق پىكرىنى قوزغىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ كىتابنى ئۆز پېتى نەشر قىلدۇرغان.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتابتا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تارىخنىڭ ئۆزىگە، ئىلمىي پوزىتسىيەگە، دەلىل - پاكىتلارغا، ئارخېئولوگىيەلىك ئۇچۇرلار بىلەن تارىخىي ماتېرىياللارغا زىت كېلىدىغان نۇرغۇن دېتاللارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتىن كۆرە، بەلكى سىياسىي مەقسەتنى بەكرەك چىقىش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
0:00 / 0:00