غوجەخمەت سادۋاقاسوف ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.07.12
ghojexmet-sedwaqasof-ongda.jpg ئاكادېمىك غوجاخمەت سەدۋاقاسوف(ئوڭدا) تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
RFA/Oyghan

1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مەلۇم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئىنستىتۇت تاقىلىپ، مەركەزگە ئۆزگەردى ۋە ھازىر مەزكۇر مەركەز ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يىل مەزكۇر ئىنستىتۇت قۇرۇلغىنىغا 30 يىل توشتى.

كۆپ يىللار ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ۋە مەزكۇر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى دوكتور ئابلەت كامالوف 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ئۇنىڭ ھەم ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئالماتادىكى مۇخبىرىمىز ئويغاننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.