يېقىندا ئىتالىيەنىڭ «ئورىئېنتە مودەرن»، يەنى «زامانىۋى شەرق» ناملىق ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى يورۇققا چىقتى. ژۇرنالنىڭ مەزكۇر سانى مەخسۇس ھازىرقى قازاقىستان تارىخ ئىلمىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ ئون نەپەر قازاقىستانلىق تارىخچىنىڭ يېڭى ۋە ھازىرقى زامان تارىخ مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى غەرب، كەڭرەك ئېيتقاندا، ئىنگلىز تىللىق كىتابخانلارنى قازاقىستاننىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخى ۋە بۇ تارىخنىڭ قازاقىستانلىق ئالىملار تەرىپىدىن يورۇتۇلۇشى بىلەن تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئەنە شۇ قازاقىستانلىق تارىخچىلارنىڭ ماقالىلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى رامازان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى رىسالەت كەرىموۋا ۋە مەزكۇر مەركەزنىڭ باش ئىلمىي خادىمى ئابلەت كامالوفنىڭ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، زامانىۋى قازاقىستان تارىخ ئىلمى ئىنتايىن ھەر خىل مەنىلىك ۋە ھەر خىل پىلانلىق ھادىسە بولۇپ، ئۇنى ژۇرنالنىڭ بىر سانىدىلا تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىندۇر. شۇنىڭغا قارىماستىن، قازاقىستانلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرى قازاقىستان تارىخ ئىلمىنىڭ يېڭى ۋە يېقىنقى زامان مەسىلىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئاساسىي تەتقىقات يۆنىلىشلىرى ھەم ماۋزۇلۇق يىغىندىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئومۇمەن، ھازىرقى قازاقىستان ھەم شۇنداقلا سابىق سوۋېت مەملىكەتلىرىدىكى تارىخ ئىلمى يېڭى دۆلەتلەر مەۋقەسىدىن قايتا يېزىپ چىقىش بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.
ئا. كامالوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ژۇرنالدىكى ماقالىلەر مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ژۇرنالدا ئورۇن ئالغان ماقالىلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قازاق دالالىرىدا يۈرگۈزگەن باسقۇنچىلىق سىياسىتى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغاندۇر. مەزكۇر ماقالىلەر ئاپتورلىرىدىن جانار جانپېيىسوۋا رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قازاقلارنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، گۈلبانۇ ئىزباساروۋا قازاقلارنىڭ باشقۇرتلار بىلەن، جۇلدۇز تۇلېبايېۋا قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقىلىرى ھەققىدە ھەققىدە توختىلىدۇ. سائۇلې ئۇدېربايېۋا ئورېنبۇرگ ئىلمىي ئارخىپ كومىسسىيىسىنىڭ قازاقلارنى ئۆگىنىشتىكى رولى، س. ئوتاربايېۋا مۇستەملىكە دەۋرىدىكى تاشكەنت قازاقلىرى جامائىتىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى قوزغىغان. ئەمدى 1920-ۋە 1922-يىللاردا قازاقىستاندىكى ‹ھەربىي كوممۇنىزم› سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېرلان مېدېئۇبايېفنىڭ، 1999- ۋە 2009-يىللار ئارىلىقىدا قازاقىستاندىكى ئاھالە جەريانلىرى جانار ئابۇباكىروۋانىڭ ماقالىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئانۋار گالىيېف تارىخنىڭ مېتودولوگىيە مەسىلىلىرىنى، ئېنىقراق ئېيتقاندا، تارىخىي ئۆتمۈش ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ھەم ساختا چۈشەنچىلەرنى تەتقىق قىلغان».
مەزكۇر ژۇرنالدا ئورۇن ئالغان ئون ماقالىنىڭ ئىچىدە ئىككىسى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋانىڭ «مەدەنىي ئەنئەنىلەرنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن (قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدىئىي ھۈنەرلىرى مىسالىدا)» ناملىق ماقالىسىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ جەريانلارنىڭ خەلق تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بولغان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ر. كەرىموۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «1990-يىللىرى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن يېڭى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ يىللىرى قازاقىستان ۋە قوشنا شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە باشقىمۇ ئالاقىلەر ئورنىتىلدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئارىلىشىش، تارىخىي ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بىر تەرەپتىن، بۇ مىللىي تارىخقا، ئۆز تومۇرلىرىغا، ئەنئەنىلىرىگە ئىلھام بەردى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك بەدىئىي ھۈنەرلەرنىڭ سۇسلىشى يۈز بېرىپ، ئۇلار تارىخىي ۋەتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن ھەم ئەزەلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي مەدەنىيىتى مەركەزلىرىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە قابىل بولالمىدى. ئەگەر يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى بىر ئەسىردىن ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە ئۆزىنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان گۇرۇپپىسى دائىرىسىدە راۋاجلانغان ھەمدە باشقا خەلقلەر مەدەنىي مىراسىنىڭ تەسىرلىرى ئاستىدا بولغان بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەنئەنىلەرگە بولغان ۋارىسلىق ئۈزۈلمەي كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى گۈزەل تەسۋىرى سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا سەلبىي ئەھۋاللار ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولمىدى».
ر. كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا تەسۋىرى سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا، بولۇپمۇ بەدىئىي-ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىي رول ئوينىماقتا. بۈگۈنكى خەلق ماھىرلىرى ۋە كەسپىي رەسساملار ئىجادىيىتى ئاساسىدا كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىنى تەستىقلايدىغان بىباھا خەلق ئەنئەنىلىرى ياتىدۇ.
رىسالەت كەرىموۋا شۇنداقلا زامانىۋى رەسساملارنىڭ ئۇزۇندىن كېلىۋاتقان قەتئىي ئەنئەنىلەردىن بوشاپ، باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلغان ھالدا، ئەركىن ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، شۇڭلاشقىمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ، بىر تەرەپتىن، يەنىمۇ راۋاجلىنىش ئۈچۈن يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىگە خاس مىللىي خىسلىتىنى يوقىتىش خەۋپىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمدى دوكتور ئا. كامالوفنىڭ «يەتتىسۇدا ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيىسىنىڭ تۇغۇلۇشى: نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف ھەم ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى» ناملىق ماقالىسى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىگە بېغىشلانغان. ئالىم ئەنە شۇ ئۇيغۇر مىللىي تارىخىنى دەسلەپ تەتقىق قىلغان يەتتىسۇلۇق نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ بۇ ئىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ن. ئابدۇسېمەتوف سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ‹ئىلى تۈركلىرىنىڭ تارىخى› ناملىق كىتابىنى يازغان بولۇپ، مىللىي ئىدىيىنى تارقىتىشتا بولۇپمۇ تاتار گېزىت ۋە ژۇرناللىرى چوڭ رول ئوينىغان. مەزكۇر ژۇرناللاردا خىلمۇ-خىل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇ جۈملىدىن يەتتىسۇلۇق ئۇيغۇرلارغىمۇ سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان. ئا. كامالوف شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مۇنداق مىللىي تارىخلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ خەلقلىرىدە يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مەسىلەن، قازاقلار تارىخى بويىچە شەكەرىمنى، قىرغىزلار تارىخى بويىچە ئوسمانالى سىدىقوفنى تىلغا ئالىدۇ.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، «زامانىۋى شەرق» ژۇرنىلىنىڭ قازاقىستان تارىخ ئىلمىگە بېغىشلانغان مەخسۇس سانى ئابلەت كامالوف تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا ئىلمىي ئەمگەكلەر مۇھەررىرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
