ئۇيغۇرشۇناس جەي داۋچېر ۋە ئۇنىڭ «تار كوچا» سۆيگۈسى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.26
uyghurshunas-jay-dautcher.jpg ئۇيغۇرشۇناس جېي داۋچېرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش.
RFA/Eziz

2018-يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كەلگەن بىر شۇم خەۋەردىن پەرىشانلىققا چۆكتى: 1990-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس، دوكتور جەي داۋچېر شۇ كۈنى ساقسىزلىق تۈپەيلىدىن 54 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى، زامانداشلىرى، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلىرى قايغۇردى. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ئۆزلىرىدىن ئايرىلىشىدىن بەكلا مەيۈسلەندى.

جەي داۋچېر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مەرھۇمنىڭ نامىغا ئاتاپ «جەي داۋچېر خاتىرە فوندى» تەسىس قىلدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كەسىپدىشى ۋە دوستى، شۇنىڭدەك زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرى، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون مەزكۇر فوندنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. مەزكۇر فوند ئاساسلىقى ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ياشلارنى قوللاش ھەمدە مۇشۇ ساھەگە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە مۇھىم مەركەزلەردىن بولغان ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇشۇنداق بىر فوندنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. بىز بۇ توغرىلىق پروفېسسور گاردنېر بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىزدە ئۇ جەي داۋچېرنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردىكى ئەركەكلىك چۈشەنچىسىگە بەكمۇ قىزىققانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

«جەي داۋچېر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتتا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1990-يىللىرى تۇنجى قېتىم ئۇ جايغا بارغاندا ئاللىقاچان خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ئۆگەندى ۋە بۇ جەرياندا بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن دوستلاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا بارغاندا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە بارغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت ئىدى. ئۇ ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، كېيىن غۇلجىغا باردى. ئۇ دەسلەپ بۇ جايلارنىڭ ھەر بىرىدە بىرەر يىلدىن تۇردى. بۇ جەرياندا ئېتنوگرافىيە بويىچە ئىزدىنىپ زامانىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتى، ئەركەكلىك، سودىگەرلىك، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم مۇراسىم ئادەتلىرى، مەسىلەن، مەشرەپ، ئولتۇرۇش دېگەنلەرنى تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىكى لەقەم قويۇش ئادىتىنىمۇ ئىگىلىدى. بولۇپمۇ ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىزىقتۇرغان تېما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئوڭايلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەركىزىي ئورۇن تۇتىدىغان ئەركەكلىك چۈشەنچىسى بولدى.»

جەي داۋچېرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ 1990-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە «ئىسمائىل» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن بىرنەچچە يىللاپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى ھەمدە بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى دوكتورلۇق ماقالىسى ھېسابلىنىدۇ. جەي داۋچېر مەزكۇر دوكتورلۇق ماقالىسىنى بىر مەزگىل پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن 2009-يىلى مارتتا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بۇنى «تار كوچىنى بويلاپ: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا كىملىك ۋە ئەركەكلىك» دېگەن ماۋزۇدا نەشر قىلدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1-بېتىگە شائىر ۋە مۇزىكانت ياسىن مۇخپۇلنىڭ «تار كوچا» ناملىق شېئىرى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز مەھەللىسى، شۇنداقلا يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ جەي داۋچېرغا قايسى دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنىڭ ئىنكاسى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە «شىنجاڭ: خىتايدىكى مۇسۇلمانلار چېگرا رايونى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن كىتابلاردىكى ماقالىلىرى، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تىللاردا راۋان سۆزلىشى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئىدى.

مەرھۇمنىڭ «تار كوچىنى بويلاپ» ناملىق ئەسىرىدە ئاساسلىقى غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك بولغان كىملىك چۈشەنچىسى، ئائىلە مۇقەددەسلىكى، شۇنىڭدەك غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىدە مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەركەكلىك ئۇقۇمى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بۆشۈك، ئوغۇللارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، ئىسلام دىنىنىڭ مەھەللە مەدەنىيىتى بىلەن قانداق يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى قاتارلىقلارنى شەرھلىگەن ئاساستا چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا مەرھۇمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ھېسابسىز نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا يېزىلغان ئىدى.

مەرھۇمنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور گاردنېر ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ جەي داۋچېر بىلەن كۆپ قېتىملاپ سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلار يېزىپ چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابلار ۋە ماقالىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە بەكمۇ پايدىلىق رولى بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇ جايدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىرەر چەتئەللىك بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىم مۇمكىن، دېيىسلە ئۇنىڭ جەي داۋچېردىن باشقا كىشى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا جەي داۋچېر ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان قىسمىدىكى ‹رابىيە قادىر سودا سارىيى› دا تۇرۇۋاتقان ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي، دەپ كۆپ ئويلىغان بولساممۇ ئۇ دائىم سىرتتا تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا كۆرۈشۈشكە مۇمكىن بولمىدى. بىرنەچچە ھەپتىلەردىن كېيىن ئاخىرى ئۇچراشتۇق. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپلا ‹جۈرە، سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى. شۇ يەردە قانغۇچە بىر پاراڭلىشىمىز› دېگىنىچە مېنى باشلاپ چىقتى. ئارىدىن بىرەر ھەپتىچە ئۆتكەندە بىز يەنە بىر قېتىم ئوبدان پاراڭلاشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ قانداق راھەت ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بىز ئۈچۈن ئورتاق بولغان تېمىلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆزلىدى. بولۇپمۇ 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەل ئالىملىرىنىڭ، ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە شىۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكى، ‹ئاپتونوم رايون› قالپىقى بېرىلگەن بۇ جايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىز ئۈچۈن ئورتاق تېما ئىدى. بىز بۇ تېمىلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقان بولساقمۇ تەتقىقاتىمىز ئايرىم-ئايرىم بولدى. ئەمما بىز پات-پاتلا بۇ رايون ھەققىدە، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەھۋالى ھەققىدە، بىز بىلىدىغان كىشىلەر ھەققىدە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە، ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ داۋام قىلىشى دېگەندەك كۆپلىگەن تېمىلار بويىچە سائەتلەپ پاراڭلىشاتتۇق.»

جەي داۋچېرنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان خاتىرە فوندىدا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياقتۇرغان ھەمدە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزىنىڭ «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دېگەن ئۇيغۇر ماقالى ئىكەنلىكى ئېيتىلىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە راۋۇرۇس چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.