جۇئان ئامادور: ئۇيغۇر لەغمىنى ئاسان تاماق ئەمەسكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.05.03
Juan-amador-uyghur-leghmen.jpg گېرمانىيەدىكى مەشھۇر تائام ئۇستىلىرىدىن بىرى بولغان جۇئان ئامادور ئۇيغۇر رېستورانىدا لەڭمەن ئېتىشنى ئۆگەنمەكتە. 2016-يىلى ئاپرېل، گېرمانىيە.
www.br.de

يېقىندا گېرمانىيەنىڭ فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا، گېرمانىيەدىكى مەشھۇر تائام ئۇستىلىرىدىن بىرى بولغان جۇئان ئامادورنىڭ 4 سائەت ھەپىلىشىپمۇ، ئۇيغۇرچە لەڭمەن ئېتەلمىگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تائام مەدەنىيىتى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتى ۋە دوراپلا ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدىغان تائام رېتسېپلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانا ۋە رېستورانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارماقتا. ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە بولۇپمۇ لەڭمەن، غەرب كىشىلىرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان تائاملارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

گەرچە لەڭمەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ئومۇملاشقان ۋە ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك ياخشى كۆرىدىغان ئادەتتىكى دائىملىق تاماق بولسىمۇ، لېكىن لەڭمەن ئېتىش ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاسان تاماق ھېسابلانمايدىكەن. گېرمانىيەدىكى جۇئان ئامادورغا ئوخشاش «ھەرقانداق تاماق قولىدىن كېلىدىغان» داڭلىق ئۇستىمۇ لەڭمەن ئېتىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەن ئالغان.

فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «مۇمكىنسىز ئاشخانا» ناملىق مەخسۇس بىر پروگراممىسى بولۇپ، بۇنىڭدا دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان تاماق تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئۇستىلارنىڭ دوراپ ياكى قىياس قىلىپ، ئۆزلىرىگە ناتونۇش بولغان تاماقلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئوخشىتىپ ئېتىشتەك ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىش مەزمۇن قىلىناتتى. ئۆتكەندە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن بىرى بولغان «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» بۇ پروگراممىغا سەھنە بولغان. گېرمانىيەدىكى 1-دەرىجىلىك داڭلىق تائام ئۇستىلىرىدىن تېم مەلسېر بىلەن جۇئان ئامادور بۇ فىلىمدا رول ئالغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇئان ئامادور گېرمان جامائىتىنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بىر تائامنىڭ قەيەردە ئېتىلگەنلىكى، قايسى مىللەتنىڭ تائامى ئىكەنلىكى، قانداق تاماقلىقى، نېمىلەر خۇرۇچ قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارغا ئائىت ھېچنېمىنى بىلمەي تۇرۇپ، كۆرمەي تۇرۇپ، ئاڭلىماي تۇرۇپ، پەقەت ئالدىغا تۇيۇقسىز كەلتۈرۈلگەن تائامنى تېتىپ كۆرۈپلا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق شەخس ھېسابلىنىدىكەن. بىراق ئۇ، بۇ قېتىم ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن لەڭمەن ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم چىقىرالمىغان ۋە لەڭمەن ئېتىشكە بەل باغلاپ مەغلۇپ بولغان.

ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ لەڭمەن ئېتىش جەريانى شۇنچىلىك مۈشكۈل ۋە كۈلكىلىك ئىدى.

فىلىم كۆرۈنۈشىدە، داڭلىق ئۇستا جۇئان ئامادورنىڭ ئالدىغا قەيەردىندۇر كەلتۈرۈلگەن بىر تەخسە لەڭمەن قويۇلىدۇ. جۇئان لەڭمەننى تېتىپ كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىتاليانچە ئەمەس، بەلكى ئاسىياچە تاماق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئىشلىتىلگەن كۆكتات ۋە دورا-دەرمان ھەققىدە 70% توغرا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. خېمىرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى قىياس قىلىدۇ. كۆڭلىدە « قىلالايمەن» دېگەن ئىشەنچكە كېلىدۇ. بىراق، لەڭمەن خېمىرىنى تەلەپكە لايىق يۇغۇرۇشنىڭ قېيىنلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ.

فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، جۇئان ئامادور بازاردىن لەڭمەن ئۈچۈن كېرەكلىك خۇرۇچلار دەپ قىياس قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ، بېرىلگەن ئۇچۇرغا بىنائەن كوچا ئارىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىنى تاپىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يەردە لەڭمەن ئېتىشنى سىناق قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. رېستوراننىڭ ئايال خوجايىنى رەيھان خانىم تاماق ئېتىدىغان يەرنى ئۇنىڭغا بىكارلاپ بېرىدۇ. جۇئان ئامادور ئىشنى خېمىر يۇغۇرۇشتىن باشلايدۇ. كامېرالار ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى، چېكىسىدە تەپچىرىگەن تەرلەرگە قەدەر كۆرۈنۈشكە ئالىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ لەڭمەن خېمىرىنى تەلەپكە لايىق يۇغۇرالمايدۇ. يۇغۇرغان خېمىرىگە تۇز سالمايدۇ، خېمىر ئۈزۈلۈپ كېتىپ، لەڭمەن چۈشمەيدۇ.

تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ئايال خوجايىنى رەيھان خانىم ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، فوكۇس قانىلىغا، بۇ داڭلىق ئۇستىنىڭ خېمىرنى ئۆلچەملىك يۇغۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

رەيھان خانىم ئۇنىڭغا خېمىر يۇغۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئىككىنچى قېتىم يۇغۇرۇلغان خېمىردا لەڭمەن سالىدۇ. ئەمما قورۇمىنى قاملاشتۇرالمايدۇ. باھالىغۇچىلار بىر ‏-بىرلەپ نومۇر قويۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك 10 نومۇردىن ئاران 4 نومۇر بېرىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا، بۇ داڭلىق تائام ئۇستىسى 4 سائەت ھەپىلىشىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ لەڭمەن ئېتىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ فوكۇس قانىلىدا قىلغان سۆزىدە، لەڭمەننىڭ ئاسان تاماق ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر لەڭمىنىنىڭ غەرب كىشىلىرىنىڭ بارغانسېرى قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە ب ر تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىن ميۇنخېنغا قەدەر» ناملىق فىلىمىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس لەڭمەن ھەققىدىمۇ توختالغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار لەڭمەننى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارايدۇ. ئىلگىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ لەڭمەننى ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو ئۇيغۇر ئىلىدىن ئۆگىنىپ كېلىپ، ئىتالىيە كەسمە چۆپلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئاساس سالغانلىقىنى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە لەڭمەن چۆپى تېپىلغانلىقىنى بايان قىلىشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.