قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار سىياسىي تەقىبلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.06.05

مەلۇمكى، قازاقىستاندا 31-ماي سىياسىي تەقىبلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ بەلگىلەنگەندىن بۇيان ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يېزا ۋە شەھەرلىرىدە ستالىن تەقىبلەشلىرى، ئاچارچىلىق ۋە سۈرگۈندىن ۋاپات بولغان بىگۇنا كىشىلەرنى ئەسلەش مەقسىتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئەۋج ئالغان مەزكۇر تەقىبلەر نەتىجىسىدە پەقەت قازاقىستاننىڭ ئۆزىدىلا گۇلاگ، يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ باش باشقارمىسى، دالا لاگېرى، ئەمگەك بىلەن تۈزىتىش لاگېرى، ئالجىر، يەنى ئاقمولا ۋەتەن ساتقۇنلىرى ئاياللىرىنىڭ لاگېرى ئوخشاش لاگېرلار پەيدا بولۇپ، ئۇلاردا پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بەش مىليون ئەتراپىدا ئادەم جازاسىنى ئۆتىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قازاقىستانغا نېمىس، كورېيە، چېچەن، ئىنگۇش، ئىران، قىرىم تاتارلىرى ئوخشاش مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان مىليوندىن ئوشۇق ئادەم سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.

« قازاقاخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ 29-مايدىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سىياسىي تەقىبلەر ھەققىدە مۇشۇ كۈنگىچە سىر تۇتۇلۇپ كەلگەن بەزى ماتېرىياللار ئاشكارىلىنىپ، ئۇلار سىياسىي تەقىبلەر ۋە ئاچارچىلىق قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتەن قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان مىللىي ئارخىپقا قويۇلدى. مەزكۇر ماتېرىياللار ئارىسىدا ئاخمېت بايتۇرسىنوف، ماغجان جۇمابايېف، مىرجاقىپ دۇلاتوف قاتارلىق سىياسىي ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇ سىياسەتلەرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بولۇپ، بولۇپمۇ 1918-يىلى يەتتىسۇ تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇشۇ كۈنگىچە مۇجۇماقتا. سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى دېگەن باھانە بىلەن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى يېڭىشەر، تاشتىقارا، قاراتۇرۇق، لاۋار، قورام، چوڭ ئاقسۇ ئوخشاش يېزىلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىڭلىغان بىگۇنا خەلق قۇربان بولغان.

شۇ سەۋەب بىلەن، مەسىلەن، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ لاۋار يېزىسىدا قاراتۇرۇق يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 31-مايدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتتى.  ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان يېزا ھاكىمى ئېرمېك  سامسىبېكوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 30-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەت، ستالىن تەقىبلەشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئاقىۋەتلىرى  ھەققىدە توختالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋانىڭ پىكرىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان  نازاربايېفنىڭ « 1997-يىلى 14-ئاپرېل كۈنى ئومۇم مىللىي رازىمەنلىك ۋە سىياسىي تەقىپلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش يىلى» دەپ ئېلان قىلغان پەرمانىغا بۇ يىلى 19 يىل تولدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى 31-ماي سىياسىي تەقىپلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى سۈپىتىدە ئاتاپ ئۆتۈلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: « ناھەقتىن-ناھەق تەقىبلەشكە ئۇچرىغانلار ۋە "ئاتۇ پاجىئەسى" توغرىلىق گەپ قىلىدىغان بولساق، كۆزىمىزنى ياش ئېگىپ، يۈرىكىمىز موجۇلىدۇ. ئاتۇ پاجىئەسى كۆپلىگەن يېزىلارنى قانغا بويىدى. تارىخىي ھەقىقەتكە تايانساق، ئوكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن كېڭەش ئېلىدە ناھەق ئەيىبلەش ئەھۋاللىرى بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىكەن. ئەندى ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋج ئالغان دەۋرى 1930-ۋە 1953-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ، يەنى 40 مىليوندىن ئوشۇق ئادەم سىياسىي تەقىبكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن ئون پايىزى سۆز-سوراقسىز ئېتىپ تاشلانغان. جۈملىدىن قازاقىستاندىن يۈز مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ھەر خىل يالا-تۆھمەتلەر بىلەن تەقىبلىنىپ، ئۇلارنىڭ 25 مىڭى ئېتىۋېتىلگەن. شۇ بىگۇنا ئادەملەرنىڭ 30-35 پايىزى رەھبىرىي خادىملار ۋە زىيالىيلار، 40-45 پايىزى ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋاتلىق يېزا ئادەملىرى، قالغىنىنى ئىشچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېشى سەكسەندىن ھالقىغان قېرىلارمۇ، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان ياشلارمۇ بار ئىدى. تەقىپلەشكە ئۇچرىغانلار قاتارىدا ئۇيغۇر پەرزەندلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. خەلقىمىز ئارىسىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك تەشكىلاتچىلار، زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك "خەلىق دۈشمىنى" سۈپىتىدە قولغا ئېلىندى. ئەندى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز شۇ قانلىق يىللار ۋەقەسىنى، ئۇنىڭ ناھەقتىن قۇربان بولغان ئادەملىرىنى ئۇنتۇماسلىق، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش.»

مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شۇنداقلا ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف، ئاتۇ پاجىئەسى تەتقىقاتچىسى رابىك ئىسمايىلوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان مەخسۈتوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدىكى "نۇر ئوتان" پارتىيىسى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سېرىك باغودژايېف، چېلەك يېزىسى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان ناسىروف ۋە باشقىلار ئۆز سۆزلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا شۇ يىللىرى چۈشكەن كۆپلىگەن قايغۇ-ھەسرەتلەر،  دوستلۇق، بىرلىك ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇنداق چوڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قورام يېزىسىدىمۇ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا پېشقەدەم ئۇستاز نۇرلان ئىسابايېف سىياسىي تەقىبلەر ھەققىدە چوڭ دوكلات قىلدى. سۆزگە چىققان شائىر ئەكرەم سادىروف، ئالىم رابىك ئىسمايىلوف، چوڭ يىگىت بېشى قۇرۋانجان ئىسلاموف، ئالماتا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف، يېزا ئاقساقاللىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ساتىبالدى تىلېپبېرگېنوف، « ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تەلەت ھەمرايېف ۋە باشقىلار سىياسىي تەقىبلەرنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ئەكرەم سادىروف ئاتۇ پاجىئەسى ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بېشىغا كۆپلەپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى. « ئاتۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن چوڭ پاجىئە. ئاتۇنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان يېرى تاشكەنبايساز بىلەن قورام بولۇسلىقى. قورامغا قاراشلىق مەھەللە ۋە كەنتلەردىن خەلقنى يىغىپ لاۋاردا ئاتقان. شۇنداقلا قورامدا ساۋۇت ئاخۇنۇمنىڭ تالىپلىرىدىن 350-400 بالىنى ئاتتى، قالغىنى تاغلارغا قاچقان. يەتتە-سەككىز كۈنگە سوزۇلغان ئاتۇدىن كېيىن ئۆلگەنلەر يەرلەنگەن. قورامدا 1993-يىلى ئاتۇنىڭ 75 يىللىقىغا چوڭ يادىكارلىق ئورنىتىلدى. ھەر يىلى شۇ يەردە بىز ئاتۇ ۋەقەسىدە شېھىت بولغان قۇربانلارنى خاتىرىلەپ ئۆتىمىز.»

مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە خەلق جانكۆيەرلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا نەزىر ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداقلا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر يىلى ئاتۇ پاجىئەسى ۋە سىياسىي تەقىبلەر ھەققىدە ماقالىلەر، بەدىئىي ئەسەرلەر ئېلان قىلىش ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئىگىلىشىمىچە، 2018-يىلى ئاتۇ پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقى كەڭ دائىرىدە خاتىرىلەنمەكچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.