شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى خەمىت كەنجى ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2017.02.23
Xemit-Kenjibayef-xemit-kenji.jpg سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايەف.
RFA

1944-يىلى غۇلجىدا قوزغالغان شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجى ئەپەندى 2017-يىلى 22-فېۋرال كۈنى 95 يېشىدا بىشكەكتە ۋاپات بولدى.

خەمىت كەنجى ئەپەندى 1922-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە غۇلجا شەھىرىدىكى «ئۈمىد» مەكتىپى ۋە رۇس گىمنازىيەسىدە بىلىم ئالغان،
ھەمدە 1942-يىلدىن باشلاپ «ئۈمىد» مەكتىپىدە رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

1944-يىلى خىتاي باسقۇنچى ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى باشلانغاندا، خەمىت كەنجى ئەپەندى بىرىنچىلەردىن بولۇپ مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئىلى ۋىلايىتىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1945-يىلى جەنۇبىي فىرۇنتقا ئاتلانغان مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى سۈپىتىدە باي ناھىيەسى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىغا قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى جەنۇبىي فرۇنتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، خەمىت كەنجى ئەپەندى قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن باش شتاب ھەربىي قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلۈش نىزامنامىسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى رۇس تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1947-يىلىدىن 1949-يىلغىچە مىللىي ئارمىيە شىمالىي يۆنىلىش قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارغا دۇچار بولغان خەمىت كەنجى ئەپەندى، 1959-يىلى ئائىلىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىشكەك شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان.

خەمىت كەنجى ئەپەندىنىڭ تەزىيە مۇراسىمىدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيىف مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتىلىرىمىزنىڭ بىر بولغان، شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرلىرىدىن مايور خەمىت كەنجى ئاكىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. خەمىت ئاكا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ۋە گېزىتىمىزنىڭ ئاكتىپ جانكۆيەرى ئىدى. مەن جەمئىيىتىمىز نامىدىن مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چۇڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

تەزىيە مۇراسىمىدىن كېيىن، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەمىت كەنجى ئەپەندىنىڭ زامانداشلىرىدىن نازىم قەمبىرى ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ئېسىل ئىنسانى پەزىلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەمىت كەنجى ئاكىنى كەمتەر، تىرىشچان، ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقىگە سادىق بولغان، مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى دەپ تونۇيمەن.»

تەزىيە مۇراسىمىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ مېيىتى، جامائەتنىڭ ئۇزىتىشى بىلەن بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرق يېزىسىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.