تەتقىقاتچى سىگىياما: ما بۇفاڭ ئەرەبىستاندىكى خىتاي ئەلچىسى ئىدى
2016.08.18
ما فامىلىلىك گېنېراللارنىڭ بىر ما بۇفاڭ.
يېقىندا ياپونىيەدە تەتقىقاتچى سىگىياما توكۇتارونىڭ «مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرى» ناملىق تارىخىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى.
مەزكۇر كىتابتا 1936-يىلى گېرمانىيە ھاۋا يوللىرى بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ھازىرلانغان «گېرمانىيە-ياپونىيە شەرتنامىسى» گە ئاساسەن مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ مەسئۇلىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ 1936-يىلى ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، كابۇل، پامىر ئېگىزلىكى ۋە ۋاھخان كارىدورى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا يوللىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆمەك خادىملىرىدىن گابۇرېنس ۋە ناگابۇچى سابۇرونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان بەزى بىر تارىخىي ھۆججەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.
كىتاب جەمئىي 12 باب، 477 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئالتىنچى بابىدىكى «ما فامىلىلىك گېنېراللار» دېگەن بابىدا گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشادا ئۆتكەن تۇڭگان گېنېراللاردىن ما خۇڭكۇي،ما خۇڭبىن، ما بۇفاڭ، ما جۇڭيىڭ ۋە ما لىن قاتارلىق بەش نەپەر تۇڭگان گېنېراللىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ما بۇفاڭ ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
تەتقىقاتچى سىگىياما كىتابىنىڭ بۇ بابىدا 1930-يىلىغىچە گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشادىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگان گېنېراللار بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى، كېيىنچە بۇ بەشىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ بۇ بىرلەشمە قوشۇننىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كۈچلۈكرەك بولغان قوشۇن ما بۇفاڭ قوشۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان چىڭخەيلىك ما لىننىڭ ئۇنىڭدىن قورقۇپ 1936-يىلى بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئېلىپ مەككىگە كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ما بۇ فاڭ قوشۇننىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ تۇڭگانلار رايونىدا زور تەسىرگە ئىگە بولغانلىقىنى تەرىپلىگەن ئاپتور، ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «داگۇڭباۋ» دا خىتاي ژۇرنالىست يۈەن چياڭجيەننىڭ «چىڭخەي پادىشاھى ما بۇفاڭ» دېگەن سەرلەۋھىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور كىتابىدا، ما بۇفاڭنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن شىنىڭدا قاتتىق ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ 200 نەپەر ئادىمى بىلەن مىسىرغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۈركىيەدىن چىقىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردا مىسىر ئەلەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تۇڭگان ئوقۇغۇچىلاردىن ما بۇفاڭ ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
بىراق، 1990-يىلى خىتايدا نەشر قىلىنغان «گەنسۇ تارىخى» ناملىق كىتابتا بولسا، ما بۇ فاڭنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭدە يېڭىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىككى يۈز نەپەر ئەسكىرى بىلەن شياڭگاڭدىن پاراخوت ئارقىلىق مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن خىتايدىن قاچقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور كىتابىدا:«ما بۇ فاڭ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەزگىل قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن 1957-يىلى مىسىر بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ما بۇ فاڭ قاھىرەنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن مىسىردىن ئايرىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن» دەيدۇ.
ئەمما،«گەنسۇ تارىخى» ناملىق كىتابتا بولسا، تەيۋەندىكى جياڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنىڭ ما بۇفاڭنى مىسىردىكى ۋاقتىدا يەنى 1957-يىلى 8-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تەيۋەن ئەلچىخانىسىغا ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرابىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئىلگىرى ما بۇفاڭنىڭ مەككىدە تۇڭگان راباتلىرىدىن بىرنى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىتابتا ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەتتە بولغان شەرقىي شىمال مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ياپونىيەلىك مۇسۇلمان فۇجىيو كومۇرانىڭ ئەينى يىللارا ما بۇفاڭ بىلەن كۆكخوتتا ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەككىدە چاقىرىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى يىغىنىغا ياپونىيە مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىل بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان فۇجىيو كومۇرا بىلەن مىتا ليوئىچىنىڭ ما بۇفاڭ بىلەن جىددىدە كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
كىتابتا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى يىغىنىغا قاتقناشقان فۇجىيو كومۇرا، مىتا ليوئىچى مەككىدە ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچراپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان سايتو ليوئىچى بىلەن بىرلىكتە جىددىدە ما بۇفاڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شۇ چاغدا ياپونىيەدە نەشر قىلىدىغان «ھالبۇزا» ئايلىق ژۇرنىلىدا ياپونىيەلىك ژۇرنالىست فۇرىبىكى ماسائونىڭ «چىڭخەي پادىشاھى ما بۇفاڭ» دېگەن ماقالىسىدە بۇ مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مەزكۇر گېزىتتىكى ماقالىدە:«ما بۇ فاڭ ئېگىز بويلۇق، ساقاللىرى شالاڭ، كۆزلىرى نۇرلۇق كەلگەن كىشى بولۇپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە 62 ياشتا ئىدى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
كىتابتا ما بۇفاڭنىڭ جىددىدىكى تۇرالغۇسى ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇنىڭ تۇرالغۇسى تولىمۇ ھەشەمەتلىك ياسالغان. خىتاي ئۇسلۇبىدىكى پانۇس چىراغلار ئېسىلغان. چىڭخەيدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئىشلەمچىلەر خىزمەت قىلىۋاتقان. تۇرالغۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتى قوراللىق مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر بىلەن تولغان. ئۈستەلگە تۈرلۈك نازۇ-نىمەتلەر تىزىلغان بولۇپ سۆھبەتنى ما بۇفاڭ ئۆزىنىڭ خىتايدا ئۆتكەن ھاياتىدىن مەغرۇرلىنىپ سۆز باشلىدى» دېيىلگەن.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيەدىكى بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ياپونىيە قوشۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۈرۈش قىلغاندا چىڭخەيدە ما بۇفاڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى مەلۇماتلار ھەققىدە توختالدى.
كىتابتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئەڭ ئاخىرى خوتەندە بىر قانچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن ما جۇڭيىڭ قوشۇنى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ: «ما جۇڭيىڭ ھەمىشە ما بۇفاڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇراتتى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنى سابىت داموللا، خوجا نىياز ھاجى، مامۇت سىجاڭلار رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوشۇنىنىڭ، خوتەندە قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىشىغا ۋە يوقىلىشىغا بەلگىلىك ھالدا سەۋەبچى بولدى» دېيىلگەن.
كىتابتا ما بۇفاڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالمىغان بولۇپ، خىتاي تىلىدىكى «گەنسۇ تارىخى» ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە،ما بۇ فاڭ 1975-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى جىددىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









