ياپونىيە دەرسلىك كىتابىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات كىرگۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.04.15
yaponiye-derslik-uyghur.jpg ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوقۇشلۇق كىتابتىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار
RFA/Haji Qutluq Qadiri

2016 - يىلى 7 - ئاپرېلدىن باشلاپ ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوقۇشلۇق كىتابىنى ئاساس قىلغان ھالدا دەرس باشلىدى.

ئاپرېل ئېيىدىن باشلانغان ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق جۇغراپىيە دەرسلىك كىتابىغا ئۇيغۇرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقۇشلۇقتىكى جۇڭگوغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۆزگىچە رەڭلىك سۈرەتلەر قوشۇپ بېرىلگەن.

كىتابقا يېمەك سېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى، تونۇر كاۋىپى، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر كونا يېزىقى ھەققىدىمۇ توختالغان.

تونۇر كاۋىپىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە قوي گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، ياپونىيە دەرسلىك كىتابلىرىدا ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتلارنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى ۋە بۇ قېتىم كىتابتا ئالاھىدە ئورۇن بېرىشنىڭ ئۆزىنى ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھازىر مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئۆتكۈر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادىتى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى، ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ياپون مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى بىلىشىگە زور تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئاروما ساتو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ دەرسلىك كىتابلاردىن ئورۇن ئېلىشى كەلگۈسىدە ياپونىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قاتار ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كۆپ پايدىلىق» دېدى.

ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلگەن بۇ دەرسلىك كىتابقا بۇ يىلدىن باشلاپ، خىتاي بىلەن ياپونىيەدە ئارىسىدا تالاشتا قالغان سېنكاكۇ ئارىلىمۇ رەسمىي يوسۇندا ياپونىيەنىڭ ئارىلى دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەنىڭ دەرسلىك كىتابىغا سېنكاكۇ ۋە كۇرىل ئاراللىرىنى كىرگۈزۈشىنىڭ ئۆزى ياشلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوقۇشلۇق كىتاب
ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوقۇشلۇق كىتاب

ئۇندىن باشقا دەرسلىك كىتابتا يەنە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيە ۋە ياپونىيە ئارىسىدا تالاش - تارتىش نۇقتىسى بولۇۋاتقان كۇرىل ئاراللىرىنى ياپونىيە تەرەپ كىتابتا «شىمالىي تۇپرىقىمىز» دەپ ئاتاپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە بۇ ئاراللارنىڭ تارىختىن بۇيان ياپونىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرگەن.

ياپونىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن كېنشى تارونىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار ئۇزۇندىن بۇيان تالاش - تارتىشتىكى سېنكاكۇ، كۇرىل ئاراللىرىنى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل پىكىر بەزىبىر «خىتاينى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمايدىغان» سىياسىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن.

لېكىن ئۇ، ھاكىمىيەت بېشىغا شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى چىققاندىن كېيىن، سېنكاكۇ ۋە كۇرىل ئاراللىرىنى دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈش تەكلىپى ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئاراللارنىڭ ياپونىيە تۇپراقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئارال ماجىراسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2009 - يىلى7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» 2010 - يىللىق ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىك كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە نامايىشچىلارنىڭ خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقان سۈرەتلىرى بېرىلگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.