ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توكيودىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يەنى 1933- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلىدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە توكيودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنېنى «ياپونىيە دۆلەت سىياسىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر سائەت دوكلات بەرگەن بولۇپ، ۋادا دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسۇمۇنې: «مەن بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدىم. مەن يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولىمەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسىيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر-بىرىمىزنىڭ بۇرچى دەپ ئويلايمەن. جۇمھۇرىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايمەن» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەتمۇ جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىدىن كېيىن بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا تۈرلۈك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونلاردىن ساتو ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋادا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. بۇ بەلكىم بۇ خىل پائالىيەتلەردە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دوكلات بېرىشى بولسا كېرەك شۇنداقلا پائالىيەتكە يېقىندا توكيودا قۇرۇلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە باشقا ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى» دېدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا توختالدى.

ئاخىرىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غالىپ مىجىت جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.