گېرمانىيەدە «ياۋروپادا نورۇز» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

26-مارت گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپادا نورۇز» پائالىيىتىگە 5 دۆلەتتىن 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى، كارلىسرۇھې ۋە ئەتراپ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىشى ھەم ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن 26-مارت كۈنى «ياۋروپادا نورۇز» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى بايرام شادلىقىغا چۆمدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپلا قالماي، ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم باشلىق تەشكىلات ئەزالىرى، كارلىسرۇھې شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ كارلىسرۇھېدىكى ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنگەن كۆپلىگەن ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە يەنە گېرمانىيەگە قوشنا 5 دۆلەتتىنمۇ ۋەكىللەر كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتكە ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن باشلاندى. مەززىلىك ئۇيغۇرچە تائاملاردىن كېيىن تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، تۈركچە تىللاردا سورۇن ئەھلىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى. ئەركىن ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن ميۇنخېن شەھىرىدىكى خالىسە خانىم يېتەكچىلىكىدىكى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ سەنئەتكارلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتنى بىۋاسىتە تەشكىللىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھىرىدە ئەمەس، بەلكى كارلىسرۇھې شەھىرىدە تەشكىللىگەنلىكىگە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نورۇزدا ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ناخشا، مۇزىكا، شېئىر ۋە ئۇسۇللار بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە سېلىپ، سورۇن ئەھلىگە نورۇزنىڭ شاتلىق ۋە ھۇزۇرىنى ھېس قىلدۇردى. ئارىدا جامائەت سورۇنغا چۈشۈپ، ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇردى.

پائالىيەت داۋامىدا يەنە، كارلىسرۇھې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللىغان، ئۇيغۇرلارغا يار-يۆلەكتە بولغان گېرمان ۋە تۈركلەرگە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ قولى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان شەرەپنامە ۋە د ئۇ ق ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى. شەرەپ ئىگىلىرى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى بېشىغا كىيگەندە، زال ئىچىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا بولسا، نورۇزنى قەدىرلەشنىڭ ئۇيغۇرنى قەدىرلەش بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، تۈرك كونسۇلىنىڭ ۋەكىلى، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، نورۇزنى ئۆزئارا مۇبارەكلەشتى.

26-مارت كارلىسرۇھې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى ھەرخىل بولۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جامائەت بۇ سورۇننى تەشكىللىگەن كارلىسرۇھېدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆپتىن كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى.