«تارىخىي ماتېرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دېگەن نامدىكى كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى
2018.07.30
«تارىخىي ماتېرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دېگەن نامدىكى 209 بەتلىك كىتاب ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
بۇ كىتابنى قەھرىمان ماراش سۈتچىئىمان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا يازغان بولۇپ، كىتاب 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئاپپاراتى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى قانۇنلىرىنى ھەم جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچىلار ۋە مىنىستىرلارنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
8-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا بۇ كىتابتىكى ئاساسىي مەزمۇنلار، نەشر قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئالىمجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتاب 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئىستىقلال مەجمۇئەسى» دا يېزىلغان خەۋەر ۋە ماقالىلەر، شۇ تارىختا نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى»، «ئەركىن تۈركىستان»، دېگەن گېزىتلەردە نەشر قىلىنغان تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان.
دوكتور ئالىمجان بۇ كىتابنى يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى كىتابنىڭ مەنبەلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: 1933-يىلى ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانمۇ قۇرۇلمىغانمۇ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى 1933-يىللىرى نەشر قىلىنغان گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا بۇ كىتابتا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىق باسقۇچلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە «ئىستىقلال مەجمۇئەسى» دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا يەنە كىتابتا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، 30 ماددىلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ كوررېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۆمىنجان بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ كىتابنىڭ تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ دەلىل پاكىتلىرىنى خەلقئارادا كۆرسىتىپ بېرىشتە تارىخىي ھۆججەت شەكىلدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.