سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ۋە كېيىنكى مۇستەقىللىق دەۋرلىرىدە ئاز نوپۇسلۇق ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان سىياسىي رەھبەرلەرمۇ يېتىشىپ چىققان ئىدى.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مۇستەقىللىق دەۋرىدە بولسا، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئىسمى ئۆزگىچىدۇر.
مەلۇمكى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۇنجى رەئىسى يولداش ئاخۇنبابايېفتىن باشلىنىدۇ.
مەرغىلاندا تۇغۇلغان يولداش ئاخۇنبابايېف ( 1885 - 1943) ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەھبىرى سۈپىتىدە 1925 - 1938 - يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، 1938 - 1943 - يىللىرى ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. يولداش ئاخۇنبابايېف 1925 - 1938 - يىللىرى ئارىسىدا يەنە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا بېكىتىلىپ، مەزكۇر سالاھىيەتتە 13 يىل تۇرغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ مىللىتىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار بار. ئۆزبېكلەر ئۇنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىمۇ كونا تېمىدۇر. رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق ژۇرنالىستى فېدور راززاكوف ئۆزىنىڭ سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يېزىپ، 2009 - يىلى موسكۋادا نەشر قىلغان «سىياسىي بيۇرودىكى چىرىكلىك : قىزىل ئۆزبېك دېلوسى» ماۋزۇلۇق كىتابىدا «يولداش ئاخۇنبابايېف قەشقەرلىق ئۇيغۇر كۆچمەن ئەۋلادى» دەپ ئاشكارىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بىر قىسىم ئۇچۇر مەنبەلىرىدىمۇ يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئەسلى ئىسمى يولداش ئاخۇن بابا ئىدى.
تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، رەھىم ماسوف ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي مىللەت ياساش سىياسىتى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە يولداش ئاخۇنبابايېف «پەرغانە ئۇيغۇرلىرىدىن» دەپ كۆرسىتىدۇ.
رۇسچە مەشھۇر كىشىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان ئېنسىكلوپېدىيە تورى «ئاكادېمىك.رۇ»دىكى يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت ماقالىدە «يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن.
رۇس مۇتەخەسسىس ۋالېرىي ئاندرېيېف ئۆزىنىڭ «ئۆزبېك دۆلىتى ھەققىدىكى ئويدۇرمىلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە «ئۆزبېكىستان ئالىي سوۋېتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق رەئىسى، ئۆزبېك < كالىنىن بوۋا> يولداش ئاخۇنبابايېف، پەرغانىگە يەرلەشكەن قەشقەرلىق ئۇيغۇر باي كۆچمەننىڭ ئەۋلادى» دەپ يازىدۇ.
يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە رەسمىي يوسۇندا مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، خۇددى ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىن، لېۈ تروتسكىي ۋە باشقا كۆپلىگەن سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكى مەتبۇئاتلاردا يېزىلمىغاندەك، سوۋېت ھۆكۈمىتى يولداش ئاخۇنبابايېفنى «ئۆزبېك خەلقىنىڭ شەرەپلىك ئوغلى» دەپ تەشۋىق قىلغان. ئەسلى كېلىپ چىقىش جەھەتتىن پەرغانىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ھېسابلانمىغان قەشقەرىيىلىك ئۇيغۇر پەرزەنتنىڭ 1925 - يىلى، ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى موسكۋانىڭ سىياسىي ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ، موسكۋانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەيرى رەسمىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزىم خەلق جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ۋە تاجىكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھەم قاراقىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى تەسىس قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق قەشقەرلىكلەر، قىپچاقلار، سارتلار دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزبېك ئېتنىك كىملىكى ئاستىغا مەركەزلەشتۈرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان.
يولداش ئاخۇنباي ئوغلى ئاخۇنبابايېف 1916 - يىلى، مەرغىلاندىكى چار رۇسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1921 - يىلى، بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ھەمدە قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش جەڭلىرىدە ئاكتىپلىق كۆرسىتىپ، مەرغىلاندىكى«قوشچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى بولغان.
ئۇ 1925 - يىلى، ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 1 - قېتىملىق قۇرۇلۇش يىغىنىغا مەرغىلان ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقاندا، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي بيۇرو ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ھەم ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن. شۇ يىلىدىن ئېتىبارەن تاكى 1938 - يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئەلۋەتتە، يولداش ئاخۇنبابايېف ستالىن تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە رايونلىرىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مىللەتلىرى ئىچىدىن سوۋېت رەھبەرلىرى قاتارىغا تاللىۋېلىنغان بىردىن بىر ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى كىشى بولسا كېرەك؟
ئەسلى قەشقەرىيىدىن كەلگەن كۆچمەن ئەۋلادى، ئانچە كۆپ ساۋادى بولمىغان يولداش ئاخۇنبابانىڭ ستالىن تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت، سودا - ئىقتىساد مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت رەھبىرىلىك ئورنىغا ھەمدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى قاتارىغا تاللىنىشى ستالىننىڭ مىللىي سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ۋە شەرق ئىستراتېگىيە پىلانلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى.
0:00 / 0:00