پاكىستاندىكى ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە كۆپ ساندا كونا ئۇيغۇرچە كىتاب ساقلانماقتا

0:00 / 0:00

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب ۋە ژۇرناللار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرك ئۆيى ناملىق بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «يۇرت» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1938-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان بارلىق سانلىرى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ژۇرنالنىڭ 1939-يىللىق سانى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرككە ئاتاپ نەشر قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا «ئەسلەتمە» ناملىق بىر كىتابمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە.

بۇ ئەسەر ھىندىستاندا يېزىلغان بولۇپ، ئەسەردە 1931-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بايان قىلىنغان. ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندىنىڭ دادىسى ئازەم ھاشىمى ئۆزبەكىستانلىق ئۆزبېك بولۇپ، كىچىك ياشتىلا ھىندىستانغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن پاكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن پاكىستانغا كەلگەن. ئۇ، ھاياتى بويىچە تۈركىستان توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تۈركىستاندىن ھىندىستان ۋە پاكىستانغا بارغان مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغان، تاتار ئالىم مۇسا جارۇللاھ، مەمەتئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇز ھاشىمى ھازىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە پاكىستان رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ساقلانماقتا.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ئالدى بىلەن دادىسى ۋە ئۆزى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندى ئۆيىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرناللارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «يۇرت» دېگەن ژۇرنال بىلەن «ئەسلەتمە» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندى دادىسى ئازەم ھاشىمى ئەپەندىنىڭ ھىندىستاندىكى ۋاقتىدا «پۈتۈن تۈركىستانلىقلارغا ياردەم قىلغانلىقى»نى بايان بايان قىلدى.

ئوغۇز ھاشىمى ئەپەندى كىتابلارنى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تەتقىقاتچى ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1998-يىلى ئوغۇز ھاشىمىنىڭ ئۆيىگە بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن كىتاب ۋە ژۇرناللارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئازەم ھاشىمىنىڭ سىياسىي دەۋاغا زور تۆھپە قوشقان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پاكىستاندا ئوغۇز ھاشىمىدىن سىرت، رۇھى ئۇيغۇر ۋە دوكتور مەمەت سابىتكە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ كۆپ ساندا ماتېرىيال ساقلانماقتا ئىكەن.