سىتوكھولمدا «مەھبۇسلار ساداسى: سىكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن
2019.04.29

28-ئاپرېل شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدە كۆلىمى زور بولغان «مەھبۇسلار ساداسى: سىكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە باشقا تۈرك تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەشكىللىشى شۇنداقلا ھەمكارلىشىشى بىلەن 28-ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.
بۇ نامايىشقا شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەمدە گوللاندىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر، يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خادىملىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتىنى «جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش،» دېدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى نۆۋەتتىكى خىتاي زۇلۇمىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە، كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى نەق مەيداندىن مەلۇمات بېرىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-نۆۋەتلىك «مەھبۇسلار ساداسى: سىكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشى» 5-ئاينىڭ 4-كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
نامايىشقا د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ يەنە بىر مەقسىتىنىڭ «دۇنيانىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلەشتۈرۈش، سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
نامايىش ئىشتىراكچىلىرى تەمىنلىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار سىتوكھولم كوچىلىرىدا ئۇزۇن سەپ بولۇپ خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ ماڭغان. ئۇلار «خىتاي تېررورىست، شى جىنپىڭ تېررورىست! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!» دېگەندەك شوئارلار سىتوكھولم كوچىلىرىنى لەرزىگە سالغان.
بۇ نامايىشقا قاتناشقان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مىرئادىل ئەپەندى نامايىشچىلارنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى شىۋېتسىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە نامايىشنىڭ پادىشاھلىق باغچىدىن باشلىنىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان بىر جايدا ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.