2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن، ئىلگىرى ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقىغا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئانا تىل پىدائىيلىرى ۋە ئانا تىل ئۆگەنگۈچىلەر 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
4-نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى مېھرىئاي ئەركىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 23-فېۋرال كۈنى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار پەقەت ۋەتەن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. چەت ئەلدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىللەردە بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتىدۇ ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تىپىك مىساللاردىن بىرى مېھرىئاي ئەركىندۇر.»
ئۇ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مېھرىئاي ئەركىننى ئۇنتۇلدۇرماسلىق، ئۇيغۇر ئانا تىل پىدائىيلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش، چەت ئەلدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىزدە ئىمكانىيەت بولغان بولسا مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلىگەن، ئۇنىڭ ئىسمىنى كوچىلارغا قويغان، بۇ جىنايەتنىڭ سورىقىنى قىلغان بولاتتۇق. بۇ خىل ئىمكانىيەتلەر بولمىغان شارائىتتا، بىز ھېچ بولمىغاندا مېھرىئاينى ئۇنتۇلدۇرماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، چۈنكى مېھرىئايغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. مېھرىئاي ئەركىننى ئۇنتۇلدۇرماسلىق، مېھرىئايغا ئوخشاش پەرزەنتلەرنى ئاتا تىلدا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇستازلار بولسۇن ياكى ئانا تىلنى ئۆگىنىۋاتقان ئۆسمۈرلىرىمىز بولسۇن، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ‹مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى›نى تەسىس قىلدى. بۇنى 2021-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى مېھرىئاي ئەركىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرىلاپ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىپ كېلىۋاتىمىز.»
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپاتقا تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇلىدىكەن. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بولسا ئىزچىللىقى، ئۆگىتىش ئۇسۇلى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نەزەردە تۇتۇلىدىكەن. ئۇ، تۆتىنچى قېتىملىق مۇكاپات ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئىلتىماس قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: «بۇ مۇكاپات ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم تارقىتىلدى. ھەر قېتىمدا بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى، 2 نەپەر ئوقۇغۇچى تاللىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە ۋە فرانسىيەدىن بۇ مۇكاپات ئۈچۈن نامزاتلار تاللاندى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىشنى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي باشلىدۇق. بۇ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئانا تىل ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزنىڭ، ھەمدە ئانا تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشىنى كۈتىمىز.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا ئىگە چىقىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بىر تۈرى «ئانا تىل ئۆگەتكۈچى»، يەنى مۇئەللىمگە، يەنە بىر تۈرى ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىئو-تېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان مېھرىئاي ئەركىن خانىم، 2019-يىلى 8 -ئايدا ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەتكەن. يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللەنگەن ئىدى.