خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەش سىياسىتى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

2 يىل ئىچىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەلگەنلىكى غەربتە مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» 1-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئاز دېگەندە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھەم ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەر ۋە ماقالىلەردە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا تەن جازاسى ۋە روھىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ لاگېرلاردا «ئۆزگىرىش ئىپادىسى ياخشى» بولغان، يەنى مېڭىسى يۇيۇلۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مانا ئەمدى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىدىن «ئەمگەك لاگېرلىرىغا» يۆتكەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي باياناتچىلىرى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ «ھېچقانداق ئاساسى يوقلىغىنى» تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «دوكلات ھېچقانداق پاكىتنى ئاساس قىلمىغان. بەلكى بۇ جۇڭگونىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.»

2-مارت كۈنى گېرمانىيە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلى «خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئەۋەتمەكتە» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىۋاتقان خىتايدىكى 83 تىن ئارتۇق چەتئەل زاۋۇتلىرى ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ «ۋولكىسۋاگون»، «ب م ۋ»، «بوش»، «سىمەنس» قاتارلىق چوڭ شىركەتلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۆزلىرىگە سوئال قويۇشى، مەجبۇرىي يۆتكىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سەل قارىماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

«كۈندىلىك گېزىت» 2-مارت ئېلان قىلغان «لاگېردىن مەجبۇرىي ئەمگەككىچە» ناملىق ماقالىدا غەرب شىركەتلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىچكىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆز مەيلى بىلەن كەلگەن نورمال ئىشچىلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىن يۆتكەلگەن تۇتقۇنلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دائىما نازارەت ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى، خالىغاندا زاۋۇتنىڭ سىرتىغا چىقالمايدىغانلىقى، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا گەپ قىلىشتىنمۇ قورقىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

2-مارت ئاۋسترىيەنىڭ «كۇررەر» سەھىپىسى ئېلان قىلغان «غەرب شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلىرىدىن نەپكە ئېرىشمەكتە» ناملىق خەۋەردە، غەربتىكى داڭلىق شىركەتلەر قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەنلىكى، غەربنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

«ئىتوپ خەۋەرلىرى» سەھىپىسى 2-مارت ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى» ناملىق خەۋەردە خىتايدىكى 80 دىن ئارتۇق داڭلىق غەرب شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە «ئالما»، «مىكروسوفت»، «نوكىئا»، «ئامازون»، «نايىكى» قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ناملىرى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىشى، خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقە سەۋەبلىك خىتايدىكى گېرمانىيە شىركەتلىرى ھازىر گېرمانىيە جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا تۇرماقتا ئىكەن.

سۋېن لەمكېمەيېر تەرىپىدىن «كۆزنەك» گېزىتىدە 2-مارت ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا» ناملىق ماقالىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سەۋەبلىك قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دائىرىسى گېرمانىيە شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى سۆز بېشى قىلىندى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «1949-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن بۇ رايوندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىزچىل ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى قوللىنىپ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىۋالدى. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي تەلىم-تەربىيەگە، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا ھەتتا قېيىن-قىستاقلارغا ئېلىنماقتا. بۇ لاگېرلاردا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» ئېيتقاندەك، «ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى پروگراممىسى» ئىجرا قىلىنماقتا. ئەمدىلىكتە بۇ لاگېردىن «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر» نىڭ بىر قىسمى خىتايدىكى غەرب شىركەتلىرىگە ئەۋەتىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.

«بېسىم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار: گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالە 2-مارت كۈنى گېرمانىيەدىكى قىزىق لىنىيە سەھىپىلىرىدىن بىرى بولغان «ت-ئونلىنە» تورىدا ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتى ئاساسىدا بىر قىسىم گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىندى.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى لاگېرلاردا «قايتىدىن ئۆزگەرتىلىش» نىڭ بېسىملىرىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر قىسمى خىتايغا ئەۋەتىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن. ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى، ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتى، تېخنولوگىيە شىركەتلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ «ۋولكىسۋاگون»، «دائىملەر»، «ب م ۋ»، «جاگۇار» قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى باركەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، د ئۇ ق ئىككى يىلدىن بۇيان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

«گېرمانىيە قىدىرىل جۇمھۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتى» نىڭ رەئىسى گيدە جەنسەن دۈشەنبە كۈنى مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر ‹ب م ۋ›، ‹ۋىلكىسۋاگون›، ‹ئادىداس› قاتارلىق شىركەتلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاساسەن كۆزىنى يۇمۇپ كەلدى. ھېچقانداق گېرمانىيە شىركىتى خىتاينىڭ زۇلۇم سىستېمىسىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا نەپكە ئېرىشىشنى ئويلىماسلىقى كېرەك. نەپ ئېلىۋاتقان بۇ شىركەتلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تېرىشچانلىقى ۋە ۋەدىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.»

«گېرمانىيە ئاۋازى» 2-مارت ئېلان قىلغان «گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە» ناملىق خەۋەردە نۇرغۇنلىغان غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا كۆرۈۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا گېرمانىيە شىركەتلىرىدىن، «ۋولكىسۋاگون»، «دائىملەر»، «ب م ۋ»، «ئادىداس» ۋە «پۇما» قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «ئورف» قانىلىمۇ دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان غەرب شىركەتلىرى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، بۈگۈن گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېلان قىلىنغان نۇرغۇنلىغان خەۋەر، ماقالىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن.