مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار 2 ياپون شىركىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى توختاتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.03
مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار 2 ياپون شىركىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى توختاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» توغرىلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى ئاپرېل، ياپونىيە.
Photo: RFA

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى (ASPI) ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 14 چوڭ ياپونىيە شىركىتىدىن ئىككىسى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيەگە ئۇيغۇر دىيارىدىن زور مىقداردا پەمىدۇر ئىمپورت قىلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېمەك-ئىچمەك شىركىتى كاگومە شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان كيوكەرا شىركىتى 27-ئاپرېل كۈنى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىي جىنايەتلىرىگە قارىتا، ياپونىيەدىمۇ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىق جامائەت پىكرى ياكى مەتبۇئاتلاردىكى غۇلغۇلا ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار كۈنسايىن كۈچىيىپ ياخشى بىر يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ھەمدە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قارىتا ئىنكاسلار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كونكرېتنى مىساللىرى سۈپىتىدە يېقىندا ياپونىيەنىڭ ئىككى چوڭ شىركىتى مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى».

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئىككى چوڭ ياپون شىركىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى شىركەتنىڭ بىرى كاگومە ناملىق شىركەت بولۇپ، پۈتۈن ياپونىيەدە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە بەك تونۇلغان بىر شىركەت. بۇ شىركەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن ياپونىيەگە پەمىدۇر ئېلىپ، ئۇنىڭدىن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشتا تونۇلغان ئىكەن. بۇ شىركەت 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجدىن پەمىدۇر ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى».

ئەخمەتجان ئەپەندى خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىككىنچى چوڭ شىركەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىككىنچىسى ياپونىيەدىكى كيوكەرا ناملىق چوڭ بىر شىركەت. بۇ ياپونىيەدە ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر شىركەت. ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەر تىزىملىكىدىمۇ بار ئىدى. بۇ شىركەت 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي شىركىتى بىلەن سودا-ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمدى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مەزكۇر خىتاي شىركىتى بىلەن سودا ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى».

قىممەتلىك راديىو ئاڭلىغۇچىلار ئۆتكەن يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئاۋۇستراليەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان 14 ياپون شىركىتىگە ئورۇن بېرىلگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىغا ئىككى قېتىم خەت يازغان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى چاقىرغان. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ياپونىيەدىكى شىركەتلەر، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خەت يېزىش ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياپونىيە شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى توختىتىش ئېھتىمالنى بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان SONY, PANASONÝC, Hitachi, Mitsubishi, sharp, UNÝ Qlo, TDK ۋە MÝTSUMÝ قاتارلىق 14 چوڭ شىركەت تىلغا ئېلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.