بىريۇسسېلدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە قارشى چۇقانلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.05.10
بىريۇسسېلدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە قارشى چۇقانلار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ ۋەكىللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا. 2022-يىلى 10-ماي.
RFA/Ekrem

45 دۆلەتتىكى 415 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ ۋەكىللىرى 9-مايدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 3 كۈنلۈك پائالىيىتىنى باشلىغان. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا 40 غا يېقىن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ھەم قانۇنچىلاردىن سىرت، ئۇيغۇرلاردىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر ۋە د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خادىمى مۇئەتتەر ئەلقۇت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ ۋەكىللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا. 2022-يىلى 10-ماي.

بۈگۈن 10-ماي بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى «ياۋروپالىقلارغا ‹ئۈستۈڭدىكى كىيىملەردە ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار› دېگەننى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىنى ‹ئۆز مەنپىي´ئېتىڭ ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بۇلغىما› دەپ، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت» ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت´ئاي ئۇيغۇرمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت بولسا، ئۆزىنىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىرمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەلفىدار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىدا ماقۇللانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قانۇنلارنى قانداق قىلغاندا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەتلەرنى قانداق جازالاش مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قارشى تۇرۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «كارخانىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش: خەلقئارانىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ئىنكاسىنى باھالاش» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى، 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ دوكلات تەقدىم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.