80ياشلىق مۇھاجىر: «قەشقەردىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئايىقىدا يېتىش ئارۇزيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى، يۇرتۇمدىن ھەيدەلدىم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.12.26
memet-toxti-80-1 تۈركىيەدىكى 80 ياشلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئەمىننىڭ يېقىنقى سۈرىتى
RFA/Shohret Hoshur

25يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان 80 ياشلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئەمىن يېقىنقى مەزگىللەردە سالامەتلىكى ناچارلاشقاندىن كېيىن جەسىتىنىڭ چەتئەلدە قېلىشىنى خالىماي يۇرتى قەشقەرگە سەپەر قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىنى پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈش ۋە كۆزى يۇمۇلغاندا ئانا تۇپرىقىدا يەرلىكتە يېتىش ئارزۇسى بىلەن توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزىدىكى ئاتا-مىراس قورۇ-جايلىرىغا ماكانلاشقان. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئالدىن تەييارلاپ قويغان يەرلىكىگىلا ئەمەس، بەلكى ئاتا مىراس ئۆيلىرىگىمۇ ئىگە قىلدۇرمىغان. ئۆزىنى قوندۇرغانلىقى ئۈچۈن كېلىنىنىڭ قورقۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان مەمەتتوختى ئاكا خىجالەتچىلىكتە يېرىم كېچىدە ئۆيدىن ئايرىلىپ چىنىباغ مېھمانخانىسىدا 3 كۈن ياتقان ۋە ئاخىرىدا كېلىن نەۋرىلىنى ئارامىدا قويۇش ئۈچۈن ئىككىنجى ۋەتىنى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن.  ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.