مەمەت توختى: « 10مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ كونكىرېت قەدەم-باسقۇچلىرى باشلاندى»

0:00 / 0:00

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مېلانىيە جولى (Melanie Joly) خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن بۇ يىل 1-فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكىرېت قەدەم-باسقۇچلىرىنى باشلىغان. يەنى بۇ زور پىلانغا مۇناسىۋەتلىك راسخوت، كونكىرېت پىلان ۋە قەدەم-باسقۇچلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

دەسلەپكى پىلانغا ئاساسەن، 1-تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار كېلەر يىلى 2-ئايلاردىن باشلاپ كاناداغا كېلىشكە باشلايدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە كۆچۈرۈشنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بېكىتىلگەن. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈشنى 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ، 3 يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 350 مىليون كانادا دوللىرىلىق راسخوت مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.