مەريەم سۇلتان: «خىتاي ماڭا ئاپامنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تەھدىت سالدى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.04.07
مەريەم سۇلتان: «خىتاي ماڭا ئاپامنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تەھدىت سالدى» ئۇيغۇر زىيالىيسى مەريەم سۇلتان پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئانىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ ئۆزىگە سۆز قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن ئېلىنغان.
Social Media

تۈركىيىدە تۇرۇپ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى توختىماي قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئاپىسى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇنلارنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى مەريەم سۇلتان بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدە بىر خەۋەرنى ھەمبەھىرلىگەن. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاپىسى، پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئايگۈل سۇلتاننىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سۆزلىگەن ۋىدېيولۇق كۆرۈنۈنىشىنى ھەمبەھرلىگەن.

قارىماققا كېسەلچان ھەم ئاجىز كۆرۈنىدىغان ئايگۇل سۇلتان خانىم ۋىدېيودا قىزىغا قارىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنى ئېكراندا كۆرۈپسىز، بىزنىڭ بەختلىك ئىنتايىن تىنچ-خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۈرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدىڭىز، بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟. . . سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان، ‹3خىل كۈچ› لەرنىڭ قۇتراتقۇچىلىقىغا ئىشەنمەڭ، پىتنە-ئېغىۋا تارقاتماڭ! . . .»

2018-يىلى 10-ئايدا ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەريەم سۇلتان، ئاپىسى ئايگۇل سۇلتان خانىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى رادىيومىزغا ئاڭلاتقان ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا مۇخبىرىمىزنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدىن بېرى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ لاگېرغا ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى شىچېڭ (غەربى شەھەر) ساقچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

يىللارچە ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەريەم سۇلتان ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەن بۇ ۋېدىيوسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن كۆڭلىۋاقىتلىق بولسىمۇ تىنغان. ئەمما ئۇ ئاپىسىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن نەچچە ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئېغىر زۇلۇم چەككەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرغان چىرايى ۋە ئاستا ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2018-يىلنىڭ ئاخىرى مەريەم سۇلتانغا ئاپىسىدىن بىر قىسقا ئۇچۇر كەلگەن. ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە مومىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئەسنادا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق بىر دوستى ۋە يۇرتداشلىرىدىن مومىسىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.

ئىلگىرى مەريەم چوڭ ئاپىسىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەقىقدە بىر قىسىم مەتبۇئاتلارغا ئېيتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئاپىسى ۋىدېيودا ئۇنىڭغا: «چوڭ ئاپىڭىزنىڭ ئۆلۈمى سىز دېگەندەك ئەمەس. . .» دەپ مەريەمنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان. يەنى مەزكۇر ۋىدىيودا ئاپىسى ئۇنىڭغا چوڭ ئاپىسىنىڭ قان بېسىمى كېسىلى بىلەن 2018-يىلى 12-ئايدا دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەريەم سۇلتان تېلېفون ئىشلىتىشمۇ چەكلەنگەن، يىللارچە لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىغا قىلغان بايانلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتمىسا، ئاپىسىنىڭ خەۋەر تېپىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ: «ئاپامنىڭ ئۇلار يېزىپ بەرگەن بىر نەرسىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق، ئاپام گەرچە مېنى ‹يالغان گەپ قىلماڭ› دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹چوڭ ئاپىڭىز لاگېردا ئۆلۈپ كەتمىدى› دېيەلمىدى،» دەيدۇ.

مەريەم سۇلتان بىر كۈننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ فېسبۇك بېتىگە «جۇڭگونىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇش ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىپ تاياق يېيىش شەرت ئەمەس» تېمىلىق بىر باياناتىنى چىقارغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆز ئانا يۇرتىمىزغا خالىغان چاغدا بارالمايمىز، ئائىلىمىز بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلمەيمىز، ھەر دائىم مەلۇم كۈچنىڭ ئائىلىمىزگە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ ياشايمىز، ئۆزىمىزنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلىمىز، بارغانلىكى يېرىمىزدە بېچارە سانىلىمىز، بۇنىڭغا قارىماي ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدە بىزگە نىسبەتەن ھامان ‹ئەجەبا، بۇلار تېرورىستمۇ› دېگەن بىر سوئال بەلگىسى مەۋجۇت. مۇشۇلارنىڭ ئۆزى خورلانغانلىق-زۇلۇم كۆرگەنلىك بولماي نېمە؟. . .»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۈچ يىل بۇرۇنمۇ مەن مۇشۇ گەپلەرنى يازغىنىمنى ئەسلىيەلەيمەن، بۈگۈن تېخىچە مۇشۇ گەپلەرنى يېزىۋاتىمەن. ئۈچ يىللىق ئويلىنىش، ئۈچ يىللىق سۈكۈت بىزگە يەتمەمدۇ؟. . .»

مەريەم خانىم ئۆزىنىڭ ئاپىسى مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەن بۇ ۋىدىيو ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ جىنايەت ئارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فېيسبۇكىدا ئېلان قىلغان بۇ يازما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەھدىتىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئانىسى ھەمدە ئانىسىغا ئوخشاش مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يوللارنى ئىزدەشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدەك ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەريەم سۇلتان ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 7-ئاپرىل كۈنىنىڭ ئۆزىدە يەنە ئىككى خەلقئارالىق ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. شۇنداقلا ئائىلىسى خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچرىغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەنقەرەدە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىكەن.

مەريەم سۇلتان لاگېرغا قامالغان ئاپىسىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىش جەرياندا قىرغىنچىلىققا ئۇچرۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا يېتەرلىك دىققەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا ئۇ 3 يىلدىن بۇيان ۋاقتى ۋە زېھنىنى سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بەكرەك ئاتاپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.