مەريەم سۇلتان: خەلقىمنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.05.31
meryem-sultan-03 نورۋېگىيەنىڭ لىللەخاممېر(Lillehammer) شەھىرىدە، ئۆتكۈزۈلگەن نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دا نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان «ئاياللار قەلبى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر
Meryem Sultan

بۇ يىل نورۋېگىيەنىڭ لىللەخاممېر(Lillehammer) شەھىرىدە، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلانغان نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 مىڭ زىيارەتچى، 400 يازغۇچى ۋە سەنئەتكار قاتنىشىۋاتقان نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى، شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ كاتتا پائالىيەت بولۇپ، مەزكۇر بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سەھنىسىدىن ئۇيغۇرچە «ئاياللار قەلبى» دېگەن ناخشا ياڭرىدى.

ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بۇ يېقىملىق ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازلىق كەسپى ناخشىچىلاردەك ئورۇنلىغۇچى بولسا، نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان خانىم ئىدى.

ئۇ بۇ بايرامغا نورۋېگىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

نورۋېگىيەنىڭ لىللەخاممېر(Lillehammer) شەھىرىدە، ئۆتكۈزۈلگەن نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دا نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان «ئاياللار قەلبى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر
نورۋېگىيەنىڭ لىللەخاممېر(Lillehammer) شەھىرىدە، ئۆتكۈزۈلگەن نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دا نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان «ئاياللار قەلبى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر
Meryem Sultan

بۇ بايرام جەريانىدا مەريەم خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلار ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى دوكلات ۋە نۇتۇقلىرى بىلەنلا ئەمەس، ياڭراق، تەسىرلىك ناخشىلىرى بىلەنمۇ ئاڭلاتماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەم سۇلتان خانىم، نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەرنى دۇنيا يازغۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈندەشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى دەپ قارىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەريەم سۇلتاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە ئۆزى كەسپىي ناخشىچى بولمىسىمۇ، كىچىكىدىن ناخشا ھەۋەسكارى ئىكەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەسپىي تەربىيە ئېلىپ، تالانتىنى مەكتەپ سەھنىلىرىدە جارى قىلدۇرۇپ كەلگەنىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەريەم سۇلتان خانىم نورۋېگىيەگە كېلىشنىڭ ئالدىدا تۈركىيەدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندىمۇ ئۇ ئىلمىي مۇھاكىمە ياكى مەدەنىيەت-سەنئەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ، خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەھۋالىنى قەلىمى ياكى نۇتقى بىلەن ئاڭلىتىپ قالماي، ناخشىلىرى بىلەنمۇ ئاڭلىتىپ كەلگەن.

مەريەم سۇلتان خانىم بۇ قېتىم نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمىنىڭ قارشى ئېلىش كېچىلىكى ۋە باشلىنىش مۇراسىملىرىدا، «ئاياللار قەلبى» ناملىق ناخشا بىلەن رەشىدە داۋۇتنىڭ بىر لىرىك ناخشىسىنى چىرايلىق ئورۇنداپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. سەھنىدە ئۇ يەنە بۇ ناخشىنىڭ تېكىستنى ئىنگلىز تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ «ئاياللار قەلبى» دېگەن بۇ ناخشىنى تاللىشىدىكى سەۋەبى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى شائىر مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى يازغان. ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان يىللاردا بۇ تېكىستتىكى «ئاللاھ» دېگەن سۆز «دۇنيا» دەپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. شائىرنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا چىققان شېئىر توپلىمىغا بۇ شېئىرى كىرگۈزۈلمىگەن. نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئەدەبىياتتىكى چەكلىمە-نازارەتنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىناق بىر دۇنيا قۇرۇشنىڭ فورمۇلاسىنى دۇنياغا سۇنۇش مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا، بۇ ناخشام ۋە ئۇنى ئېيتىشتىن بۇرۇنقى چۈشەندۈرۈشلەر تاماشىبىنلارنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى».

نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دىن كېيىن نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر، نورۋېگىيە.
نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دىن كېيىن نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر، نورۋېگىيە.
Meryem Sultan

نورۋېگىيەدىكى ئەدەبىيات بايرىمىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ بايرامدا ئائىلىلەر ۋە مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ھەر خىل مەزمۇن ۋە شەكىلدە 250 تىن ئارتۇق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەريەم سۇلتان سۆھبەت، مۇنازىرە، لېكسىيە، شېئىر ئوقۇش، سوئال-جاۋاب ۋە باشقا شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاكتىپ شەكىللەردە ئاڭلانماقتا ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مۇساپىر يازغۇچىلار تورى (ICORN) مەزكۇر بايرامنى تەشكىللەشكە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ تورنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى پاترىسىيا گرىفىئوېن (Patricia Griffioen) خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ قانداق بولۇپ بۇ دۇنياۋى ئەدەبىيات بايرىمىغا بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنى تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشقانلىقى ۋە مەريەم سۇلتاننى تاللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«لىللېخمېر(Lillehammer) نورۋېگىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ رايون مول ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى بولسا، لىللېخاممېرنىڭ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئەدەبىيات شەھىرى بولۇشتەك تارىخىي رولىنى، شۇنداقلا يۇنېسكونىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت شەھىرى بولۇشتەك ۋەدىسىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. لىللېخاممېر نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلونىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمىنى تەشكىللەيدۇ. مەن «خەتەر ئاستىدىكى مۇساپىر يازغۇچىلار تورى» نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ بايرامغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان يازغۇچى نامزاتلىرىنى تاللاشقا قاتناشتىم. مەن دىققىتىمنى ئايال يازغۇچىلارغا بەكرەك قاراتتىم، چۈنكى بالا، ئائىلە دېگەندەك ۋەزىپىلەر ئىچىدە ئايال قەلەمكەش بولماق ئاسان ئەمەس. سۈرگۈندە ياشاۋاتقان، خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى نامزاتلارنىڭ ئىچىدە مەريەم سۇلتاننىڭ ئۆزگىچە ھېكايىلىرى قىزىقىشىمنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن كەچۈرگەنلىرى، ئائىلىسى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئۆز تالانتى ۋە ئىجادىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشنى توختاتمىغانلىقىدىن تەسىرلەندىم. بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولساممۇ ئانچە ياخشى بىلمەيتتىم. شۇڭا بۇ بايرامدا ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت بېرىشنى مۇھىم دەپ ئويلىدىم».

نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دىن كېيىن نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر، نورۋېگىيە.
نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمى (Norsk Litterature festival) دىن كېيىن نورۋېگىيەدىكى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە ياش پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ماي، لىللەخاممېر، نورۋېگىيە.
Meryem Sultan

پاترىسىيا خانىم مەريەم سۇلتاننىڭ بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئورۇنلىغان گۈزەل ئۇيغۇرچە ناخشىسىنىڭ تاماشىبىنلارغا ئالاھىدە تەسىر قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«مەريەمنىڭ نورۋېگىيە ئەدەبىيات بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېيتقان گۈزەل ناخشىسى ھەقىقەتەنمۇ بەكمۇ تەسىرلىك ۋە ئاجايىپ ئۆزگىچە، ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى داڭلىق كەسپىي مۇزىكا ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سەھنىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىسى تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن يېقىملىق، ئۇ نورۋېگىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان پائالىيەتلەردە ناخشا ئورۇنداپ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. يېقىنقى ۋاقىتلاردا نورۋېگىيەدە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇنىڭدا مەريەم سۇلتاننىڭ ئاڭلىتىۋاتقان تەسىرلىك ھېكايىلىرى، يېقىملىق ناخشىلىرىنىڭ تەسىرى زور بولماقتا».

يېقىنقى يىللاردا مەريەم سۇلتان خانىم چاغاتاي تىلى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن؛ 2018-يىلى 10-ئايدا ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەريەم سۇلتان، ئاپىسى ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى رادىيومىزغا ئاڭلاتقانىدى. تۈركىيەدە تۇرغان يىللىرىدا ئۇ ئاپىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ياش ئاكتىپلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

ئاپىسىغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەريەم سۇلتان، نورۋېگىيەگە ماكانلاشقان ئىككى يىلدىن بۇيان ۋاقتى ۋە زېھنىنى ھەمدە سەنئەتتىكى تالانتىنى شۇ يولدا جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.