كورلادا مۇددەتسىز كېسىلگەن مەخمۇت مەمەت 379 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن، جازاسى 20 يىلغا چۈشۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.03.15
mahmut-memet-musajan-memet.jpg مۇددەتسىز جازا مۇددىتى 20 يىلغا چۈشۈرۈلگەن مەخمۇت مەمەت(ئوڭدا) ۋە ئۇنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەن ئىنىسى مۇساجان مەمەت.
Oqurmen teminligen

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، كورلادىكى تىجارەتچى مەخمۇت مەمەتنىڭ مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەخمۇت مەمەتنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يېقىندا 20 يىلغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەخمۇت مەمەت ئائىلىسىنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان 3 پەرزەنتى ئۈچۈن جەمئىي 379 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلىگەنلىكى، شۇنىڭدىن بىر يىلچە كېيىن جازا مۇددىتىنىڭ 20 يىلغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئىنكاسچىنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بىر ئىنكاسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا «قانۇن بېدىكلىرى» پەيدا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن كۆپ مىقداردا پۇل ئېلىپ تۇتقۇننىڭ جازا مۇددىتىنى چۈشۈرۈپ بېرىشكە ۋە ياكى نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئارخىپىدىكى قارا چېكىتنى يۇيۇۋېتىشكە ۋەدە بېرىدىغانلىقى، بۇ ۋەدىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى، كۆپىنچە ھاللاردا تۇتقۇن ئائىلىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئىنكاستا يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە كورلادا مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن تىجارەتچى مەھمۇد مەمەت ئائىلىسىنىڭ «قانۇن بېدىكلىرى» گە 400 مىڭ يۈەن تۆلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى 20 يىلغا چۈشۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەخمۇت مەمەتنىڭ پىلاندىن سىرت 3 پەرزەنتى بولغانلىقى ۋە تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. بىز يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخمۇت مەمەتنىڭ تۈركىيەدە 6 پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان ئايالى كىفايە خانىمدىن مەلۇمات سورىدۇق. كىفايە خانىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «قانۇن بېدىكلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ياكى زور مىقداردا پارا بەرگەنلىكىدىن خەۋىرىنى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان 3 پەرزەنتلىرى ئۈچۈن جەمئىي 379 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە قولىدا 3 پارچە جەرىمانە تالونى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن كىفايە خانىم، يېقىندا يولدىشىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 19 يىل ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

مەخمۇت مەمەت كورلادا 6 پەرزەنتى ۋە بىر كېلىنى بىلەن بىرلىكتە كېسىلىپ كەتكەن 78 ياشلىق خەلچەم پازىل ئىسىملىك ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلادىكى بىر ساقچىخانا خادىمى، مەھمۇد مەمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ، بۇ جازا مۇددىتىنىڭ ئەسلىدىكى مۇددەتسىزدىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەقىب ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ھەرخىل سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ھەتتا بەزىدە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ «قانۇن بېدىكلىرى» تەرىپىدىن قاقتى-سوقتى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاسلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پارا بېرىش ئارقىلىق جازانى يەڭگىللىتىش مۇمكىنچىلىكى كەڭرى بولغان بولسىمۇ، 2017 ‏-يىلدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇندا، بۇنىڭغا ئىمكان قالمىغانلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى خېلى نەپسى يوغان ئەمەلدارلارنىڭمۇ پارا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ پىلاندىن سىرت بىر پەرزەنتى ئۈچۈن 18 مىڭ يۈەن تۆلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەھمۇد مەمەت ئائىلىسى تۆلىگەن 379 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ پارا بولماستىن، ئايالى دېگەندەك جەرىمانە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ يېتەكچىسى، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بولمىسىمۇ، يېقىنقى 2 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە «قانۇن بېدىكلىرى» نىڭ قايتا پەيدا بولغانلىقى ۋە تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. قانۇن بىلەن باشقۇرۇلمايۋاتقان دۆلەتتە ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى قاقتى-سوقتىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتكەن بەختىيار ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە ئىنكاسلارمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

بەختىيار ئەپەندى يەنە مەخمۇت مەمەت ئائىلىسى تۆلىگەن 379 مىڭ يۈەن پۇل مەيلى جەرىمانە ياكى پارا بولسۇن، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلسا، بۇنىڭ ناھايىتى ئېغىر بىر ئىقتىسادىي بەدەل ئىكەنلىكى، ئەمما جازا مۇددىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 20 يىلغا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ بولسا، تىلغا ئالغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ئۆزگىرىش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەخمۇت مەمەت نۆۋەتتە كورلا سانائەت رايونى تۈرمىسىنىڭ 7-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.