مەخپىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان مەھكۇمنىڭ ئىسمى نەبى غوجائەخمەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئاشكارىلانغان چاقىلىق ناھىيەسىگە ئائىت سوت ھۆكۈمنامىسىدە مەھكۇمنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى»، يەنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئېغىزىنى بۇزماسلىق ۋە شەھۋانىي فىلىملارنى كۆرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەھكۇمنىڭ ئىسمى مەخپىي ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھۆكۈمنامە ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەھكۇمنىڭ ئىسمىنىڭ نەبىي غوجائەخمەت ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە چاقىلىقتىن 500 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىدە 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەخپىي ھۆججەتلەر قاتارىدا ئاشكارىلانغان سوت ھۆكۈمنامىسىدە ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي ئۆچمەنلىك» دېلوسىنىڭ 2016-يىلى 12-ئايدا يۈز بەرگەنلىكى، مەھكۇمنىڭ 2017-يىلى 8-ئاۋغۇست كۈنى تۇتۇلۇپ، 29-سېنتەبىر كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىز دېلونىڭ تەپسىلاتىنى سوت خادىملىرىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چاقىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىگە قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق ۋە ھۆكۈمنى چىقارغان سوت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم ھۆكۈمنامىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم تەپسىلاتلار قاتارىدا دېلو يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە دېلو سادىر قىلغۇچى، يەنى مەھكۇمنىڭ ئىسمىنىڭ نەبى غوجائەخمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەھكۇمنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانغان سوت ھۆكۈمنامىسىدە ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. مەزكۇر خادىم نەبى غوجائەخمەتنىڭ يېشى ۋە ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن سوت خادىملىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. شۇڭا كۆپىنچە تۇتقۇنلار سوت ئېچىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئالدىن تەييارلانغان ھۆكۈمنامىلەرگە ئىسىم تولدۇرۇش ئارقىلىق تۈرمىلەرگە يوللانغان. بىز بۇ خادىمدىن نەبى غوجائەخمەت دېلوسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېسىدە قالغانلىقىنى سورىدۇق. ئەقەللىي بىر دىنىي ساۋاتنى ئېغىزدىن چىقارغانلىقى ئۈچۈن 10 يىل كېسىلگەن نەبىي غوجائەخمەت دېلوسىنىڭ سوت خادىملىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەر بىر خادىمنىڭ ئۆزى قول تىققان دېلودىن باشقىسىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ھۆكۈمدە مەھكۇمنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 2027-يىلى8-ئاينىڭ8-كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى يېزىلغان، ئەمما جازا مۇددىتىنى قەيەردە ئۆتەيدىغانلىقى يېزىلمىغان. مەزكۇر خادىم نەبى غوجائەخمەتنىڭ نۆۋەتتە چاقىلىقتىن 500 كىلومېتىر، كورلادىن بۈگۈرگە قاراپ ماڭغاندا 40 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت