يەركەندىكى بىر لاگېرنىڭ مەخسۇس تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدىكى يەركەنلىك مۇھاجىرلاردىن بىرى گۇگىل خەرىتىسى بويىچە توردىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز يۇرتى يەركەندە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، قاماقخانىلار ۋە دارىلئېتاملار بولۇپ جەمئىي 16 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىسقا بىر مەلۇمات ئېلان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يەكەندىكى 7 لاگېرنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى ئايدىڭلاشتى ۋە لاگېرلاردىن بىرىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

تۈركىيەدىكى بىر يەركەنلىك مۇھاجىر گۇگىل خەرىتىسى بويىچە توردىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، يەركەندىكى لاگېرلارنىڭ سانى، ئورنى ۋە كۆلىمى ھەققىدە مەلۇمات ئېنىقلىغان. ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن باشقا، تۈرمە، قاماقخانا، دارىلئېتام، قوش تىل مەكتىپى ۋە يەسلىلەرنىمۇ لاگېرلار قاتارىدا ھېسابلىغان بۇ مۇھاجىر يەركەندە 16 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ 16 لاگېرنىڭ خەرىتىدىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ھەر بىر رەسىمگە ئىزاھات بەرگەندە شۇ لاگېر جايلاشقان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ھەقتە يەركەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا يەركەندە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم ئۆزى خىزمەت جەريانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يەركەندە ئاز دېگەندە 7 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يەركەندە ئەڭ دەسلەپكى لاگېر ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىدە قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ناھىيەدىكى ئەسلىدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىمۇ لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەن. يەركەنلىك مۇھاجىرنىڭ تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدە يەركەننىڭ ئاراسلانباغ، چاھارباغ، تومئۆستەڭ، يېڭىئۆستەڭ، ئودانلىق قاتارلىق كۆپىنچە يېزا بازارلىرىدا ئاز دېگەندە بىردىن لاگېر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەركەندىكى مەزكۇر سىياسىي-قانۇن خادىمىمۇ يېزا-بازارلارنىڭ ئاز دېگەندە بەشىدە يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەركەنلىك مۇھاجىرنىڭ دوكلاتىدا يەركەندىكى ئەڭ چوڭ لاگېرنىڭ ناھىيە ئىچىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى قاراقۇم سانائەت رايونىدا ئىكەنلىكى، بۇ لاگېرنىڭ يانمۇ-يان سېلىنغان 4 قاماقخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ لاگېردا 1700 كامېر، 12 كۆزىتىش مۇنارى بارلىقى ۋە تەخمىنەن 50 مىڭچە كىشىنىڭ سولانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپادىكى يەركەنلىك مۇھاجىر، سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللا ئۆزىنىڭ 2009‏-يىلى كۈزدە دەل مۇشۇ قاراقۇمدىكى جازا لاگېرىدا 6 ئاي ياتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ يەركەندە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ شۇ چاغلاردىن باشلاپلا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يەركەندىكى سىياسىي قانۇن خادىمى خىزمەت جەريانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئارسلانباغدىكى لاگېرنىڭ ئەڭ چوڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ بۇ لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە تەخمىنەن بولسىمۇ مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىلگىرى قەشقەردىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن تۈركىيەدىكى بىر مۇھاجىر قەشقەر دۆلەتباغدىكى 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇرۇلغان لاگېرنىڭ مەخسۇس چەتئەلدىن كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئايرىلغانلىقى ۋە ياسالغانلىقى، بۇ لاگېرغا مەخسۇس ئاتالمىش «خاتالىق ئۆتكۈزگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى» نىڭ سولانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق تەكشۈرگۈچىلەرگە ئايرىلغان لاگېرنىڭ ھەر بىر ناھىيە-شەھەردە ئاز دېگەندە بىردىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يەركەندىكى سىياسىي-قانۇن خادىمىمۇ يەركەندىكى بۇ 7 لاگېرىدىن بىرىنىڭ مەخسۇس چەتئەلدىن كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەركەندە ئەسلىدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ يېقىندا كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن قايتىدىن ياسالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ب ب س نىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋىرىدە قەشقەر 4-ئوتتۇرا مەكتەپ لاگېرىدا ئىشسىز دەپ تونۇشتۇرۇلغان تۇتقۇنلار ئىچىدە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭمۇ بارلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت