باچېلېت ب د ت دىن خوشلاشقان، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلمىغان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن 8-ئىيۇن كۈنى 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان. شۇ كۈنى يەنە 37 نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى مىشېل باچېلېتقا ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسقا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ يىل 8-ئايدا 4 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىشېل باچېلېتنى قايتىدىن ۋەزىپىگە سايلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرى سۈپىتىدە مىشېل باچېلېتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك زىيارىتىنى، يەنى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە بولۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.

بۇ خىلدىكى بېسىملار مىشېل باچېلېتقا بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى ۋە مەشھۇر سىياسىي شەخسلەر تەرىپىدىنمۇ يۈرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلىنىپ باستۇرۇپ قويۇلغان دوكلاتنى ئېلان قىلىش تەلىپى بۇ بېسىملارنىڭ يادروسىدىن ئورۇن ئالغان. مىشېل باچېلېتقا قارشى چاقىرىقلار خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، 9-ئىيۇن كۈنى يەنە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قارار قوبۇل قىلىپ، ب د ت نى، جۈملىدىن مىشېل باچېلېتنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر بېسىم ئاستىدا قويغان. ئەمما باچېلېت ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقان بۇ پۈتكۈل بېسىملار ئالدىدا بېشىنى يوپۇرۇۋېلىش، سۈكۈت قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى. شۇنداقتىمۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلار «باچېلېت ھىچبولمىسا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن» دېگەن ئۈمىدىنى ساقلاپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ ئۈمىدمۇ سۇغا چىلاشقان. باچېلېت بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان، ئەمما ئۇيغۇرلارغا دائىر دوكلاتنى ئېلان قىلمىغان.

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، بۈگۈن 30-ئاۋغۇست كۈنى ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىن زالىدا مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. 15 مىنۇت خوشلىشىش نۇتقى سۆزلىگەن باچېلېت يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلات ھەققىدە زۇۋانمۇ سۈرمىگەن. جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرىنى زور دەرىجىدە پەرىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھازىرغىچە ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۆز ۋاقتىدا مىشېل باچېلېتنى ئىستېپاغا ئۈندەش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغاشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىممۇ بۈگۈن چېخىيە پايتەختى پىراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلمىغانلىقىدىن كۆپ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. روشەن ئابباس خانىم پىراگادا چاقىرىلىدىغان «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېخىيە كەلگەنىدى.