لاگېر شاھىدى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدىكى گېرمانچە كىتاب نەشردىن چىققان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.01.19
لاگېر شاھىدى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدىكى گېرمانچە كىتاب نەشردىن چىققان يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان(Andrea C, Hoffman) بىلەن لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرغان يىغىنىغا قويۇلغان لوزۇنكا. 2022-يىلى 17-يانۋار، گېرمانىيە.
Photo: RFA

17-يانۋار كۈنى گېرمانىيەدىكى داڭلىق نەشىرياتلاردىن بىرى بولغان خېينې ۋېرلاگ (Heyne Verlag) نەشرىياتى بېرلىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان بىلەن لاگېر شاھىدى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرغان.

گېرمان تىلىدا نەشىردىن چىققان مەزكۇر كىتابنىڭ-1 بېتىگە كىتابنىڭ باش قەھرىمانى، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ «دۇنيا مېنىڭ ئاغزىمدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشەنگۈسىز جىنايەتلەرنىڭ قانداق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم. مەن بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن ھايات قالدىم. ئەمدى ھېچكىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى دېمەسلىكى كېرەك». كىتابنىڭ باش قىسمىغا يەنە قەلەم تەۋرەتكۈچى ئاپتور ئادرىيا س خوفماننىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىشقا جاسارەت كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەسكەرتىشىمۇ ئىلاۋە قىلىنغان.

شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كىتابنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچى ئاپتورى خوفمان خانىم، نەشىرىياتنىڭ تەھرىرلىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ژورنالىستلار قاتناشقان. مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇ يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان.

يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان(Andrea C, Hoffman) لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يازغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-يانۋار، گېرمانىيە.
يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان(Andrea C, Hoffman) لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يازغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-يانۋار، گېرمانىيە.

«بارسا كەلمەس جاي» ناملىق بۇ كىتابتا31 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ ھالدا تۇتۇپ كېتىلىش، تۇرمە ۋە لاگېرلارغا قامىلىش جەريانى ھەمدە ئۆزى ئۇچرىغان ۋە شاھىد بولغان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى تەسۋرلەنگەن. كىتابتا مېھرىگۈلنىڭ قۇتۇلۇش ھېكايىلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئۈسۈپ-يېتىلىش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى يورۇتۇلغان ئىكەن.

بۇ كىتابنىڭ يېزىلىش جەريانىدا مېھرىگۈل بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى ئاپتور ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مېھرىبان مەمەت، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتابنىڭ قەلەمگە ئېلىنىش جەريانىنىڭ ئىنتايىن تەسرلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ: «مېھرىگۈلنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن، ئادەتتىكى ئادەملەر قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلەردىن ھەر قانداق ئوقۇرمەن تەسرلەنمەي تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا مېھرىگۈلنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولماي قالمايدۇ،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرلىرى تېخى ئېچىلمىغان بىر پەيتتە، 29 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتايدىكى مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن-2018 يىلى مارتتا قويۇپ بېرىلگەن ۋە شۇ يىلى ئاپرىلنىڭ ئاخىرى قاھىرەگە كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە شۇ يىلى 9-ئايدا ئامېرىكاغا يېتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى.

مېھرىگۈل تۇرسۇن ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى ئايال شاھىت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مېھرىگۈل تۈرلۈك خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ، لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق، ئاچ قويۇش،

يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان(Andrea C, Hoffman) بىلەن لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2022-يىلى 17-يانۋار، گېرمانىيە.
يازغۇچى ئاندرىيا س خوفمان(Andrea C, Hoffman) بىلەن لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2022-يىلى 17-يانۋار، گېرمانىيە.

«يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرغۇزۇش، ئۇخلاتماسلىق، جىنسىي پاركەندىچىلىك قىلىش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش، بىمارلارنى داۋالىماسلىق قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاشكارلاپ كەلدى.

مېھرىگۈل تۇرسۇن، -2018 يىلى نويابىردا ئامېركا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلۇق كىملىكى سەۋەبلىكلا خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. مېھرىگۈلنىڭ ھەر خىل تەھدىتلەرگە قارىماي ھەقىقەتنى ئېچىشتىكى جاسارىتى نۇرغۇن ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

«بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇن، بۇ كىتابنى ئاپتور بىلەن ھەمكارلىشىپ يېزىشقا بىر يېرىم يىلدىن ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى، بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ 85 مىڭ تىراژ بىلەن چىققانلىقى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېھرىگۈل يەنە بۇ كىتابنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدىدا نەشىردىن چىققانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر كىتابنىڭ خىتايغا قارشى ئاۋازلارنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ ئالدىدا مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى توغرىلىق ياپونىيەلىك كارتون يازغۇچىسى تومومى خانىمنىڭ «مېنىڭ كەچمىشىم-بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كارتونلۇق سىزما كىتابى-2019 يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان ئىدى.

مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرى يېزىلغان بۇ كىتاب، سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە گۈلباھار ھېيتىۋاجىلار باش قەھرىمان قىلىنغان كىتابلاردىن كېيىنكى لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدە يېزىلغان-3 كىتاب ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.