قازاقىستانلىقلارنىڭ مايك پومپېيونىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قاراتقان سەپىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلېربېردى ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېفلار بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، ئاددىي قازاقىستانلىقلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولدى.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر مەسىلە خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ مايك پومپېيونىڭ سەپىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى بولدى. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

«كراسنايا ۋېسنا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىخانىسى: پومپېيو خىتايغا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئارىلىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، پومپېيونىڭ ياۋرو-ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە قىلغان سەپىرىنى خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىخانىلىرى «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دەپ قارىغانىكەن. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەزكۇر رايون مەملىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈرگەن.

«رېگنۇم» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتاي-پومپېيونىڭ تۈركىستانغا قىلغان سەپىرى ‹يامان غەرەزلىك ئىغۋاگەرلىككە› تولۇپ تاشقان» ناملىق ماقالىدا خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا خىتاينى قارىلاپ، ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

خىتاي ئەلچىسىنىڭ باياناتىغا قارىتا قازاقىستان سىنات ئەزالىرى نېمە دېدى؟

يېقىندا «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى قازاقىستان سىنات ئەزالىرىنىڭ خىتاي ئەلچىسىنىڭ باياناتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئىگىلىگەن.

ئۇنىڭدىن ئىگىلىشىمىزچە، سىنات بېكتاس بېكنازاروف پومپېيونى خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە باھا بېرەلەيدىغان ئادەم ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ «بۇ سەپەردىن قازاقىستان ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نېمە ئۇتىدۇ، خىتاينىڭ سىياسىتىدە قازاقىستان ئۈچۈن قانداق مەنپەئەت بار» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

سىنات ئەزاسى ئېربولات مۇقايېف بولسا، مۇسۇلمانلارغا قارىتا بېسىم ھەققىدە، بۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئاندىن قازاقلارنىڭ نارازى بولۇۋاتقانلىقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزى بېرىپ كۆرمىگەنلىكتىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە ئېيتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر سىنات ئەزاسى ئېلى بېكتايېف بۇ ھەقتە ھېچ بىر ئاخباراتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

يەنە بىر سىنات ئەزاسى مۇرات بەختىيارۇلى مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سىر ئەمەس. شۇڭلاشقا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ پىكىرى پەقەت ئامېرىكىنىڭ پىكىرى ئەمەس، بۇ بەلكى تىنچلىقپەرۋەر، ئىنسان ھوقۇقىنى قەدىرلەيدىغان مەملىكەتلەرنىڭ پىكىر دەپ باھالايمەن.»

بىز بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

سىياسەتشۇناس دوست كۆشىم ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئىككىلا مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، قازاقىستان قانچە كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەت تۇتىمەن دېسىمۇ، بەرىبىر چوڭ، قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىتى بىر-بىرىگە ياقمايدۇ. قازاقىستاننىڭ ھەممە ئەللەر بىلەن ياخشى بولغۇسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي ئويۇنلاردىن قازاقىستان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئامېرىكىمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداپ سۆزلىدى. خىتاي ئەلچىسىمۇ بۇنىڭغا ئۆز جاۋابىنى بەردى. ئىككىنچىدىن، بۇ سەپەر مېنىڭچە، قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە بولىدىغان مەسىلە. پومپېيونىڭ ‹ئازادلىق› رادىيوسىغا بەرگەن سۆھبىتى ماڭا ياقتى. مەسىلە ئەنە شۇ سۆھبەتتە ئەمەس. پومپېيونىڭ سۆھبىتى بىزنىڭ رەھبەرلەرنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز بۇ ھەقتە بىرمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سۆھبەت بەرمىدى.»

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاساسەن بىزگە مۇناسىۋەتلىك پومپېيو چوڭ پايدىسى بار پوزىتسىيەدە بولۇپ، شۇنى ئېلان قىلدى. مېنىڭچە، خىتاي مەسىلىسىگە بولۇپمۇ سېرىكجان بىلاشئۇغلى تەسىر قىلدى. ئۇ خىتايدا زەرداب چېكىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى پومپېيو بىلەن ئۇچراشتۇردى. پومپېيو ئەڭ ئالدى بىلەن شۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالدى. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئىككى رەھبەر بىلەن كۆرۈشتى. ئەگەر دەسلەپ رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن بولسا، ئەھۋال باشقىچە بولاتتى. بۇ يەردە بىزنىڭ دائىرىلەر ئۇتۇلۇپ قالدى. شۇڭلاشقا پومپېيونىڭ كەلگىنى بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ بىزگە بولغان پوزىتسىيەسى ئېنىقلاندى دەپ ئويلايمەن. پومپېيونىڭ خىتايدا تەقىبلەشلەرنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى، خىتايدىن قېچىپ كەلگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق ئېيتقانلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي ئەلچىسىنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشلىرىگە مەن ھەيران قالمايمەن. خىتاينىڭ بۇنىڭ بارلىقىنى يوققا چىقىرىش تەبىئىي نەرسە، ئەلۋەتتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھەممىگە مەلۇم بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»

بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نېمە دەيدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇراجىئىتى بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مىننەتدار. خىتاي، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا نارازى بولىدۇ. سەۋەبى خىتاي ئۇيغۇرىستاندىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا شۇ يەرگە ئالاھىدە بىر كومىسسىيە ئەۋەتسە دېگەن پىكىر بار.»

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف ئەپەندىنىڭ پىكىرىچە، خىتاي ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا دەلىل-ئىسپاتلار كۆپ ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنىنى ئامېرىكا ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مايك پومپېيو كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىشىشكە چاقىردى.»