ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېيتتىپ، ھەر قايسى شتات باشلىقلىرىنى خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان شتات باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قىشلىق يىغىلىشىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن شتات باشلىقلىرىغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى كۆزىتىدىغانلىقى، يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى 50 نەچچە شتات باشلىقى ئۈستىدىن ماتېرىيال توپلاپ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئاتالمىش «كۇڭزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى» نى قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ پىكىر ۋە ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بۇرۇن باشلىنىدۇ. خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەسلىدىن، 12-سىنىپقىچە بولغان سىنىپلارنى تەسىس قىلدى. ئەمما بىز خىتايدا ئوخشاش پروگراممىلارنى باشلاشقا ئىمكانسىز. خىتاي بىز تەرەپتە نېمىلەرنى قىلالمىسا، بىزمۇ شۇنى خىتايدا قىلالىشىمىز شەرت. نۆۋەتتە ئۇلار بىزنىڭ سىستېمىمىز ئىچىدە ئەركىن ئېغىناپ يۈرۈشمەكتە، ئەكسىچە بىز ئۇلارنىڭ سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي چەكلەندۇق. خىتاي بۈگۈنكى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى رەھبەرلەر بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.»
پومپېيو يەنە شتات باشلىقلىرىنى خىتاي بىلەن سودا قىلىشتا ھوشيار بولۇشقا، پېنسىيە مائاشلىرىنى خىتايغا مەبلەغ سالغاندا ئۇنىڭ قەيەرگە سېلىنغانلىقىغا ئېتىبار بېرىشكە چاقىردى. ئۇ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «فىلورىدا پېنسىيە مائاشى سىستېمىسى خىتايدىكى بىر شىركەتكە مەبلەغ سالغان. ئۇ شىركەت بۇ مەبلەغنى ئايلاندۇرۇپ خىتاي كومپارتىيەسى بىر مىليون مۇسۇلماننى تەقىبلەشكە ئىشلىتىدىغان كۆزىتىش سىستېمىسىغا سالغان.»
ئۇ يەنە كالىفورنىيە پېنسىيە مائاشى مەبلىغىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە مال تەمىنلەيدىغان بىر شىركەتكە سېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو يېقىنقى بىر نۇتقىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.