مايىك پومپېيو روزا ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى
2020.05.24
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو روزا ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، تەبرىكنامىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى ۋە دۇنياۋى ۋابا سەۋەبلىك ئۆزگەرگەن دۇنيادا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتكەن بىر ئاي جەريانىدا روزا تۇتقانلىقىنى، مەنىۋى ئويلىنىش، جامائەتچىلىك ۋە مىننەتدارلىق، رەھىمدىللىق ۋە سېخىيلىق قەدىريەتلىرىنى مەركەز قىلىپ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈگەنلىكىنى ھەمدە روزا تۇتۇش يوسۇنلىرىنىمۇ مۇناسىپ ھالدا تەڭشىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ تەبرىكنامىسىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەسكىن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «رامزان ۋە ھېيت جامائەتنىڭ ئەھمىيىتى، مۇلازىمەت ھەرىكەتلىرى ۋە دىن ياكى ئېتىقاد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېگىزلىك ئەركىنلىكلەرنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ دۇنياۋى ۋابا مەزگىلدە ئۇيغۇر، روھىنگا قاتارلىق مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە باشقىلار ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشتا قۇربانلىق قىلىنىش، پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ۋە قامىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر رىقابەت ۋە تېخىمۇ كۆپ تەھدىتلەرگە دۇچ كەلدى.»
پومپېيو تەبرىكنامىسىنىڭ ئاخىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇسۇلمان جەمەتىگە جور بولۇپ، زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. دىن ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى بارچە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىمىز.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ۋە كۈچلۈك رەۋىشتە تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.