مايك پومپېيو ياۋروپا دىپلوماتلىرى بىلەن خىتاي ھەققىدىكى ئورتاق ئەندىشىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.20
pompeo-2020-5-awghust.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مۇشۇ ئاي ئىچىدە ياۋروپا دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئورتاق ئەندىشىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ياۋروپا دىپلوماتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دىپلوماتلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سۆھبەتنىڭ خىتايغا قارىشى بىرلىكسەپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەشۋىشكە سالىدىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، پومپېيو يەنە ئىتالىيە ۋە ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىپ، ئىتالىيە دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى» كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى» پىلانىغا ئاۋاز قوشقان بىر دىن بىر 7گ دۆلىتى ئىدى.

ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان مەزكۇر ياۋروپا دىپلوماتى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل دىپلوماتى جوسېپ بوررېل دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىيالوگ تەكلىپىنى رەسمىي شەكىلدە بىلدۈرىدىكەن. 

ئۇ يەنە ئامېرىكا-ياۋروپا دىيالوگىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن بولغاندا بۇ ئاي باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان مەزكۇر ياۋروپا دىپلوماتى يەنە، ياۋروپانىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي خۇسۇسىدىكى ئورتاق ئەندىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكنى، بۇنىڭ بېيجىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئامېرىكا-ياۋروپا دىپلوماتلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سۆھبەتنىڭ ھەقىقىي ۋاقتى 21-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئېنىق بولىدىكەن. 

بۇ سۆھبەتنىڭ خىتاي دىپلوماتى ۋاڭ يىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياۋروپاغا قاراتقان زىيارىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانلىقى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ھەپتە ئۆتكۈزگەن ئىنتېرنېت سۆھبىتى كۈتكەندەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.