مايىك پومپىيو خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىلھام توختىدەك ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەكىتلىدى
2020.12.22
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو 21-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلىكتە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەكىتلىدى.
21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مايىك پومپىيو مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرى خىتاي خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنى ئېتىقاد، ئۇيۇشۇش ۋە تىنچ يىغىلىش ھوقۇقلىرىغا قاتتىق چەكلىمە قويدى. ئامېرىكىدا شۇ ئېنىق بەلگىلەنگەنكى، دۆلىتىمىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلغۇچىلار قارشى ئېلىنمايدۇ».
مايىك پومپىيو باياناتىدا ۋىزا بېرىلمەيدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن مەن ‹كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى› نىڭ 212-ماددىسىنىڭ (ئا) (3) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىگە مەسئۇل ياكى ئۇنىڭغا چېتىشلىق دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشكە قويۇلغان قوشۇمچە چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلىمەن. دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىدىيەۋى قاراشلارنى ئەمەلىي باستۇرغۇچىلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، مۇخبىر-ژۇرنالىستلارنى باستۇرغانلار، مەجبۇرىي ئەمگەككە تەشكىللىگۈچىلەر، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەردە بولغۇچىلار بۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ بۇ قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ».
مايىك پومپىيو سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇندىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئادۋوكات شۈ جىيوڭ، ۋاڭ يى قاتارلىق يەر ئاستى خرىستىئان جەمئىيىتى پوپلىرى، خۇاڭ چى قاتارلىق پۇقرالار جەمئىيىتى پائالىيەتچىلىرى، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى، جىممى لەي گە ئوخشاش دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، تىبەت تىلشۇناسلىرى ۋە تاشى ۋاڭچۇك قاتارلىق سودىگەرلەر. بىز ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» دىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىك بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز».
مايىك پومپىيو باياناتىدا ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن، 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيونىڭ باياناتىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر ئىلھام سۆزىدە مايىك پومپىيونىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە دادىسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جەۋھەر ئىلھام يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
جەۋھەر سۆزىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىنكى 3 يىلدىن بۇيان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئاتا-ئانىلىرى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. جەۋھەر زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسىغا ئوخشاش بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو باياناتىدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چىقىرىلغان قارارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن. «بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يىل ئامېرىكا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىككە قاتناشقانلار، شىزاڭغا كىرىشنى چەكلىگۈچىلەر، شۇنداقلا خوڭكۇڭغا ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيەنى بۇزۇشقا چېتىشلىق بولغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ۋە مالىيە جازاسى بەردى. بۈگۈنكى بۇ ھەرىكەت مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل باستۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىغا ماس كېلىدىغان قوشۇمچە چەكلىمىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ».
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى بايانىدا مايىك پومپىيونىڭ مەزكۇر باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزگەن ۋە بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېرىلگەن جازانىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆرۈلگەن ئەمەلىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قارارنى شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان ئېغىر كاچات دەپ تەرىپلىدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش تەلىپىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مايىك پومپىيودەك يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىشىنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ زور بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.