غايىب مىرئادىل ھەسەننىڭ ئانىسى تۇرسۇنگۈل توختىنىياز ھەققىدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.16
miradil-hesen-youtube.jpg ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىرئادىل ھەسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىرئادىل ھەسەن ئىسىملىك بىر ياش ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا يوتۇب قانىلى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ باياناتلىرىنىڭ بىرىدە ئانىسى تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن 2017-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا باياناتتا دېيىلگەن تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ ئولتۇراق ئادرېسىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل داۋالانغانلىقى دەلىللەندى.

بۇ يىل 5-سېنتەبىردىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مىرئادىل ھەسەن 3-سېنتەبىردىكى خىتايچە باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئانىسى تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە 2017-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

مىرئادىل ھەسەننىڭ مەزكۇر باياناتىدا ئانىسىنىڭ ئونسۇ بازىرى داپسەن ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئونسۇ بازىرى داپسەن ئاھالىلەر كومىتېتى، قۇمدەرۋازا ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە مەپىخانا ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق9 ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمدەرۋازا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بىر خادىم تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ داپسەن ئاھالىلەر كومىتېتىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ 2018‏-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى مەردان دېگەن كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم مىرئادىلنىڭ ئىش چىقىرىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئانىسى تۇرسۇنگۈلنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ بىر خادىمى دەسلەپتە بالنېتسا نومۇرى بولماي تۇرۇپ، سابىق بىمارلارنىڭ كىملىكىنى تاپقىنى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچىدە بىرلا ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدۇر. مەزكۇر خادىم تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەردان ئىسىملىك كىشىنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا ئىلگىرى مەسئۇل رەھبەر بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز بۇ خادىمدىن تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنى ئىسىم-فامىلىسى بويىچە، دوختۇرخانىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن ئىزدەپ بېقىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خادىم سىستېمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سابىق بىمارلار تىزىملىكىدە تۇرسۇنگۈل توختىنىياز ئىسىملىك بىر ئايال بىمارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سىستېمىدا تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ ئادرېسىنىڭ مىرئادىلنىڭ باياناتىدا دېيىلگەن بىلەن ئەينەن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مىرئادىل ھەسەن باياناتىدا ئانىسىنىڭ نۆۋەتتە ھايات ياكى ئەمەسلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوختۇرخانا خادىمىدىن تۇرسۇنگۈل توختىنىيازغا قانداق دىئاگنوز قويۇلغانلىقى ۋە قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىمارلارنىڭ بۇ تۈر ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ نۆۋەتتە ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنىمۇ قەتئىي يوسۇندا رەت قىلدى.

بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ بۇ دوختۇرخانا مەسئۇلى مەرداننىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ۋاقتىنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «2018‏-يىلى» دەپ جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدا غايىب مىرئادىل ھەسەننىڭ باياناتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئانىسى تۇرسۇنگۈل توختىنىيازنىڭ ئادرېسى ۋە بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.