مىركامىل تۇرغۇن 2005-يىلى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىققان بولۇپ، پارىژدىكى لېئونارد داۋىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) كارتون فىلىمىنى ئاساس قىلغان رەقەملىك فىلىم ئىشلەش كەسپى بويىچە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 2008-يىلى يازدا ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا فىرانسىيە Arte قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشى» ( Le Réveil Des Ouïghours) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، مىركامىل ئۇ مۇخبىرلار بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. مۇخبىرلار مىركامىلنىڭ فىرانسۇزچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە بىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى تەرجىمان بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىركامىل مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا تەرجىمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قەشقەرگە بارىدۇ ۋە زىيارەت قىلىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇزۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن بىللە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپىنى ھېس قىلىپ، ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەرگە قەشقەردە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈرمەستىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ فىرانسىيەگە قايتىدۇ.
مىركامىل ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.
مىركامىلىنىڭ ئاشۇ ۋەقەدىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.