مىسىر تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ نىشانغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-07-29
Share
misir-uyghur-oqughuchi-4.jpg مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئايرودرومدا يىغىۋېلىنغان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 6-ئىيۇل.
Tutqun qilinghan oqughuchilar özliri teminligen

4 يىل ئاۋۋالقى مىسىر ئىيۇل چوڭ تۇتقۇنىدا، خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى نىشان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇتقۇندىن بىر يىل ئىلگىرى ئاتىسى خوتەندىن ئېلىپ كېلىپ «ئەزھەردە ئوقۇپ ياخشى ئادەم بول» دەپ قويۇپ كەتكەن، 16 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە بوي سۇنماسلىقتەك جاسارىتى ۋە زېرەكلىكى، ئۇنى مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قالغانىكەن.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئىستانبۇلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇ، كىچىكلا تۇرۇپ مۇساپىرلىق ۋە مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈش گەرچە ئۆزىنى ئىرادىلىك قىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمان دۆلەت دەپ ئىشەنگەن مىسىر ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىماسلىقى، ئۆزىنى ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتكە ئىشىنەلمەس قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سابىق ئۆسمۈر تۇتقۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت