4 يىل ئاۋۋالقى مىسىر ئىيۇل چوڭ تۇتقۇنىدا، خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى نىشان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇتقۇندىن بىر يىل ئىلگىرى ئاتىسى خوتەندىن ئېلىپ كېلىپ «ئەزھەردە ئوقۇپ ياخشى ئادەم بول» دەپ قويۇپ كەتكەن، 16 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە بوي سۇنماسلىقتەك جاسارىتى ۋە زېرەكلىكى، ئۇنى مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قالغانىكەن.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئىستانبۇلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇ، كىچىكلا تۇرۇپ مۇساپىرلىق ۋە مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈش گەرچە ئۆزىنى ئىرادىلىك قىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمان دۆلەت دەپ ئىشەنگەن مىسىر ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىماسلىقى، ئۆزىنى ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتكە ئىشىنەلمەس قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سابىق ئۆسمۈر تۇتقۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.