خەير-ساخاۋەتچى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى مۇھەممەد نىياز تۇرپان 103 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلگەن، تونۇلغان جامائەت ئەربابى، خەير-ساخاۋەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان 103 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھىر رايونىدىكى تۈركىستان مەھەللىسىدىن زېمىن سېتىۋېلىپ، تۈركىستان جامەسى سالدۇرۇپ ئىبادەتكە ئېچىشى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسى بەرپا بولغان. ئۇ، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، تۇرار جايى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىز تۇرۇشى ئۈچۈن مېھمانخانا سالدۇرغان. مەزكۇر مېھمانخانىدىن ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار پايدىلانماقتا.

ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھىر رايونى تۈركىستان مەھەللىسىدىكى تۈركىستان جامەسى، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھىر رايونى تۈركىستان مەھەللىسىدىكى تۈركىستان جامەسى، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپاننى 1968-يىلىدىن بۇيان تونۇيدىغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق باشلىقى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھېر رايونىدىكى تۈركىستان مەھەللىسىگە ئۆي سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا يەرلىشىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ئۇ، 1980-يىلى بۇ مەھەللىدىن زېمىن سېتىۋېلىپ، ئۆزى ئۇزۇن يىل سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرغان بولغاچقا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىئانە توپلاپ، 1990-يىلى جامە ئىنشائاتىنى پۈتتۈرۈپ تۈركىستان جامەسىنى ئىبادەتكە ئاچقانىدى. ئۇ، جامەنىڭ يېنىغا كىچىك بىر مېھمانخانا سالدۇرۇپ، ھازىرغىچە تۇرار جايى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا سۇندى.»

ئىستانبۇلغا دادىسى بىلەن يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا تۇرار جايى بولمىغاچقا ئۇزۇن يىل ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان سالدۇرغان مېھمانخانىدا تۇرغان ئادىليار مەخسۇت ئەپەندى، تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، دادىسى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋاقتىدا تۇرار جايى بولمىغاچقا مۇھەممەد نىياز تۇرپان سالدۇرغان مېھمانخانىدا تۇرغانلىقىنى، مۇھەممەد نىياز تۇرپاننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرغا ياردەم قىلغانلىقىنى، ساخاۋەتچى كىچىك پېئىل، ۋەتىنىنى ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغان ئېسىل خىسلەتلىك زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد نىياز تۇرپان، كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇنلا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ جايلاشقان. ھاجى مۇھەممەت نىياز تۇرپان ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە 1968-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇرۇنلا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن يىل كۆپ دۆلەتلەردە كۆچۈپ يۈرگەن مۇھەممەد نىياز تۇرپان ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تۇرغان چاغلىرىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن.

مەنبەلەرگە يېزىلىشىچە، ئۇ، يىللاردا ئىستانبۇلدا زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان مەرھۇم سەلەي ھاجى ئارتۇش، مەرھۇم ئىسمايىل ھاجى خۇداۋەردى ۋە ھەبىبۇللاھ تارىم ھاجىم قاتارلىق جامائەت ئەربابلىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ دەۋانى ئاكتىپ قوللىغان. مۇھەممەد نىياز تۇرپان ئەينى زاماندىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ يېقىن سەپدىشى، 1978-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ئىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھىر رايونى تۈركىستان مەھەللىسىدىكى تۈركىستان جامەسى، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشېھىر رايونى تۈركىستان مەھەللىسىدىكى تۈركىستان جامەسى، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

مۇھەممەد نىياز تۇرپان مەرىپەتپەرۋەر زات بولۇپ، 1960-يىلى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە نەشر قىلىنغان كىتابنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئېمىن ئىسلامى 19601يىلى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق شائىر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ ‹تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار› نامىدا كىتاب نەشر قىلدۇرغان. مۇھەممەد نىياز تۇرپان بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلىتىپ، كۆپ ساندا باستۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. مۇھەممەد نىياز تۇرپان خەير-ساخاۋەتچى، پىداكار ۋە ھەر دائىم ۋەتەن مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان كىشى ئىدى. تۈركىيەدە ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانىدى. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ماڭىمۇ ياردەم قولىنى ئۇزاتقانىدى. ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن. »

30 يىلدىن بۇيان ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان سالدۇرغان تۈركىستان جامەسىدە ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مۇرات ئەرىكئوغلۇ ئەپەندى، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ بىلەن تۈركىستان جامەسىدە 30 يىل بىرگە بولدۇم. ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان ئاكىمىز ھەرگىز ئىبادىتىنى ئاقساتمايدىغان، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ كېلەچەكىنى ھەر دائىم ئويلايدىغان، كىچىك پېئىل، ئىلىم ئادەملىرىگە قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان بىر زات ئىدى. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. ئۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلىك تىكلىگەن قولىدا بار كىشى بولسىمۇ ئاددىي-ساددا ۋە كىچىك پېئىل زات ئىدى. ئۇ يەنە تولىمۇ مىللەتپەرۋەر، تەقۋا ۋە گۈزەل خىسلەتلىك بىر زات ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن. »

ھاجى مۇھەممەد نىياز تۇرپان 1921-يىلى تۇرپاندا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ھىندىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن1968-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تىجارىي ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ، 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 103 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مۇھەممەد نىياز تۇرپان بىر ئەسىردىن كۆپرەك سۈرگەن ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلغان.